تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

چېن چۈەنگو، سۇڭ تاۋ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىرلىكتە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ، يۆ يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىرلىكتە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن» باش تېما قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتەك ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىڭ تۇرغانلىقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگونى يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى، بارلىققا كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر شەرھلەندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە تىرىشىپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى ئىشلەش، تىرىشىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتەك ئېسىل ھېكايىلىرى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلدى. 80 نەچچە دۆلەتتىكى 190دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ياكى تەشكىلاتتىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ئەربابى ۋە مەشھۇر زات سىن شەكلىدە يىغىنغا قاتناشتى. تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئەرەب تىلى قاتارلىقلار ئارقىلىق پۈتۈن يەرشارىغا توردا بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار بىلەن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، دىنلارنىڭ ئىناقلىقى، رايىشلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىكى ھېكايىنى ئورتاقلاشتى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ قىلغان بارلىق ئىشلار ئوچۇق - ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. بىز تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمىز، ئامان - ئېسەنلىكى، ساغلاملىقىنى كۆزلەيمىز، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىمىز. شىنجاڭ ياخشى جاي، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلىشىنى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى، شىنجاڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۇڭ تاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدەك مۆجىزىنى ياراتتى. خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ھەرخىل يالغان - ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قارا چاپلاش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى ۋە كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋە شىنجاڭدىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى يەنە خەلقنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ھەققىدىكى ھېكايىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئورتاقلاشتى، ھەم چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان 20گە يېقىن سوئالىغا جاۋاب بەردى.

تونگا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى فاكافانۇئا، پاكىستان ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى سۇرى، كامبودژا خەلق پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ 2 - مۇئاۋىن رەئىسى دىۋېڭ، ھىندۇنېزىيە خەلق بۇرچى پارتىيەسىنىڭ باش رەئىسى، خەلق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇركىفۇرى، توگو جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ئىبراھىما، ماراكەش ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش شۇجىسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1 - مۇئاۋىن پالاتا باشلىقى ئومرانى، پورتۇگالىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى فىلىپ قاتارلىق سىياسىي پارتىيە ئەربابلىرى بۇ قېتىمقى تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەنگەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇش ياكى كىشىلىك ھوقۇقتا «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو شىنجاڭدا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېيىش پۈتۈنلەي يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇر بولۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تونۇشىنى خاتا يولغا باشلاشقا ئۇرۇنغانلىق، دەپ قارىدى. كۆپ دۆلەت سىياسىي پارتىيە ئەربابلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش، يامان غەرەزدە كۆپتۈرۈش ۋە قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي پارتىيەلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە ئورتاق بەخت يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى گو يېجوۋ تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن قاتارلىقلار تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.