تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، «ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاتارلىقلارنى ئاڭلاپ ئۆتتى، قاراپ چىقتى، ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە يەنە بىر قېتىم «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، ئۇنى بىردەممۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقى، جەزمەن چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېنىق سىگنال تارقاتتى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، يەنە مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «كۆك - تاق» مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى