تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پايدىدىن ياخشى پايدىلىنىش

ئاپتونوم رايون پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە 1 - قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن يىللىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «بالدۇر بولۇش» گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ سۇشې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تۇتۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى جىددىي ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپە، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سېلىنمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈرلەرنى تېز قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار 2021 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنى بالدۇر پىلانلاش، ئىشنى بالدۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بالدۇر ئىش باشلاشقا چىڭ تۇتۇپ تۈرتكە بولۇشى؛ دىققەتنى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن - نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى؛ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش - مەبلەغ جەلپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى؛ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن يىللىق سېلىنما نىشانى - ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى