تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قويۇق تۇمان بېسىپ مۇز تۇتتى، بۇ ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە قاتناشقا چەك قويۇلدى

  ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قويۇق تۇمان سەۋەبىدىن مۇز تۇتۇپ، سانجى شەرقىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن كۈيتۈن غەربىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلدى.

  شەھەرنىڭ شەرقىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كۆرۈلگەن قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى سەۋەبىدىن، گەنچۈەنباۋ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئۇلانباي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلۇپ، قاتناش تارقاقلاشتۇرۇلدى.

  بېيجىڭ-شىنجاڭ G7 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ يول يۈزىنى مۇز تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن، يول يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىغان، نۆۋەتتە مىدۇڭ شىمالى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن داخۇاڭشەن بەخت يولى ئېغىزىغىچە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلۇپ، قاتناش تارقاقلاشتۇرۇلدى.

(مۇخبىر سۇ رۇڭجى)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق