ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە ئايرىپ، ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ئوقۇش باشلايدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ۋە ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوقۇش باشلاش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇش باشلاش خىزمەت لايىھەسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئالدى بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلار، ئاندىن باشقا يىللىقلار، ئالدى بىلەن يۇقىرى يىللىقلار، ئاندىن تۆۋەن يىللىقلار تەرتىپ بويىچە تۈركۈمگە ئايرىپ، ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ئوقۇش باشلايدۇ، يەسلىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركۈمگە ئايرىپ، ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ دەرس باشلايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە تولۇقسىز 3-يىللىق، تولۇق 3-يىللىقلار 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوقۇش باشلايدۇ، تولۇقسىز 1-، 2-يىللىقلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 23-، 24-كۈنلىرى بولىدۇ، ئوقۇش باشلاش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى بولىدۇ، شەھەرگە قاراشلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 26-، 27-كۈنلىرى بولىدۇ، ئوقۇش باشلاش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى.
ئۈرۈمچى شەھىرى يېزىلىرىدىكى يەسلىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 3-، 4-كۈنى، ئوقۇش باشلاش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەھەردىكى يەسلىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 6-، 7-كۈنى، ئوقۇش باشلاش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى.
(مۇخبىر شېن زۇشياۋ)