تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئەتىيازلىق پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چېڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكتاتچىلار پارنىكلاردا كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلدى.

  2-ئاينىڭ 19-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بۇرۇلتوقاي بازىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىق ئائىلىسى جاڭ فۇخۇانىڭ كۆكتات پارنىكىدا، خاڭگا مايسىلىرى ساغلام ئۆسكەن بولۇپ، جاڭ فۇخۇا بىردەم خاڭگا مايسىلىرىنى ئوتىسا، بىردەم يەنە شوخلىلارنى سۇغىرىپ، ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

  جاڭ فۇخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆكتات مايسىلىرىنى تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغاندىن باشقا، يېتىشتۈرۈش تەشتىكىگە توپا يۆلەش ۋە ئۇرۇق تاللاشمۇ بىر ئىنچىكە ئىش ئىكەن، پەرۋىش ياخشى بولسىلا، بۇ يىل پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى بالدۇرراق ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

  ھەر يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، كۆكتاتچىلار كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشنى تاماملاپ، بىر قىسمىنى ئۆزلىرىنىڭ پارنىكىدا تېرىسا، يەنە بىر قىسمىنى بازارغا سېلىپ، باشقا تېرىقچى ئائىلىلىرىنى كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق