
خەلق تورى، چاڭشا، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى: يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىشوۋ شەھىرى خۇڭفېڭ ئورمان باغچىسىنىڭ ئەتراپى تۇمانلار بىلەن قاپلىنىپ، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىشوۋ شەھىرى شەھەرنى كۆكەرتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇپ، «شەھەرنىڭ يېشىل ئۆپكىسى»نى بەرپا قىلىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. (ليۇ جېنجۈن)



