تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دېھقانلارنىڭ ھويلىسىدىكى ئالاھىدە تائاملار چاغاندا تېز سېتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ): «ھەر كۈنى 90 كىلوگىرامغا يېقىن زاكاز تاپشۇرۇۋالىمەن، كۈندىلىك سېتىش سوممام 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ». 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەندە، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۈن كەنتىدىكى ليۇ شۆۋۇنىڭ ھويلىسىدا، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى قۇرۇتۇلغان كالا گۆشىنى ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلاپ، باشقا جايغا سېلىپ بېرىشكە تەييارلاۋاتاتتى. ليۇ شۆۋۇ مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ قۇرۇتۇلغان گۆشلىرى چاغان مەزگىلىدىكى سېتىلىش سوممىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى».

قۇتۇبى ناھىيە يۈەنخۇسۈن بازىرى يۈەنخۇسۈن جيايۈەن دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى ليۇ شۆۋۇ قۇرۇتۇلغان گۆشلەرنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

  چاغان مەزگىلىدە، ليۇ شۆۋۇغا ئوخشاش، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى دېھقان ئائىلىلىرى قۇرۇتۇلغان گۆش، بېلىق كاۋىپى، ساڭزا، چاغانلىق موما قاتارلىق ئالاھىدە تائاملارنى تەييارلاپ، باشقىلار تالىشىپ سېتىۋالىدىغان يەرلىك تەمگە ئىگە چاغانلىق مالغا ئايلاندى.

  يەرلىك تەمگە ئىگە چاغانلىق مال ئالقىشقا ئېرىشتى

يۈەنخۇسۈن بازىرى شياسەنگۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يەنلى مايېزى قورۇماقتا.

  شۇ كۈنى، يۈەنخۇسۈن بازىرى شياسەنگۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يەنلى ساڭزا، تاڭنىڭنىڭ، مايېزى قاتارلىق چاغانلىق ماللارنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، تۈرى كۆپ خىل، تەمى ئۆزگىچە بولغاچقا، ۋاڭ يەنلى ھەر كۈنى نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

  «مەن ئۇدا ئۈچ يىل بۇ يەردىن ساڭزا ۋە مايېزى سېتىۋالدىم، يەنە نۇرغۇن دوستلارغا تونۇشتۇردۇم» دېدى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن خېرىدار ما بىن، ئۈچ يلى ئىلگىرى ئۇ شياسەنگۇڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھىغا ئوينىغىلى كېلىپ، شۇ جاينىڭ ساڭزىسىنى تېتىپ كۆرۈپ ئامراق بولۇپ قالغانىدى. «يۈەنشياۋ بايرىمى كېلەي دېدى، ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇلارغىمۇ ئاپىرىپ بېرەي دەۋاتىمەن».

يۈەنخۇسۈن بازىرى شياسەنگۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يەنلى خېرىدارغا چاغانلىق مالنى قاچىلاپ بەرمەكتە.

  چاغان مەزگىلىدە، باركۆل ناھىيەسى داخې بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىسى گاۋ جاۋشياۋ ئائىلىسىنىڭ چاغانلىق موما دۇكىنى، «ھەركۈنى ئىككى، ئۈچ يۈزدەك چاغانلىق موما سېتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكىدىن بىر نەچچە ھەسسە كۆپ» دېدى گاۋ جاۋشيا، چاغان مەزگىلىدە، ئۇ ياغلىق موما، قازان نېنى قاتارلىق ئون نەچچە خىل چاغانلىق موما تەييارلىدى، يەنە خام ماتېرىيالىغا كاۋا، سۈت، تۇخۇم، يېشىل پۇرچاق، شوخلا قاتارلىقلارنى قوشتى، چاغانلىق مومىلار تەملىك پىشۇرۇلغاچقا، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى.

  توردا زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىش ئاساسلىق شەكىلگە ئايلاندى

  «بۇ بىر نەچچە قاپنى خاڭجوۋغا، بۇ بىر نەچچە يەشىكنى شاڭخەيگە سالىمەن». 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەندە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال يېزىسى ئورمانچىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ تىڭجۇڭ كومپيۇتېرنى ئېچىپ، توردىكى زاكازلارنى كۆردى ھەمدە مال تەقسىملەشكە باشلىدى. بېلىق كاۋاپلىرى ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسى چاپلىنىپ، سوۋغاتلىق قاپقا قاچىلىنىپ، ھەرقايسى جايلارغا سېلىنىدۇ.

  ياڭ تىڭجۇڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل بېلىق كاۋىپىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىر ھەسسە قاتلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە % 70 ى توردا سېتىلغان. «بۇ يىل ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىنىپ، نۇرغۇن كىشى ئۆيىگە قايتالمىدى، يۇرتىنىڭ بېلىق كاۋىپىنى يېگۈسى كەلسە، توردا زاكاز قىلىپلا سېتىۋالسا بولىدۇ، چاغان مەزگىلىدە نەچچە ئون زاكاس شىنجاڭغا سىرتىغا سېلىندى، ئاز بولغاندا بىر نەچچە كىلوگىرام، كۆپ بولغاندا نەچچە ئون كىلوگىرامغا يېتىدۇ».

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال يېزىسى ئورمانچىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ تىڭجۇڭ ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلانغان بېلىق كاۋىپىنى قاپقا قاچىلىماقتا.

  يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، تېكەس ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسى كۆكتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈسۈپجان ئىسلامجانمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئانچە چوڭ بولمىغان ھويلىسىغا سۈرلەنگەن ئات گۆشلىرى ۋە قېزىلار قاتار ئېسىۋېتىلگەن بولۇپ، پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى.

  «مەن تېخى بايىلا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر زاكازنى تاپشۇرۇۋالدىم، سەككىز سوۋغاتلىق، ھەربىر سوۋغاتلىققا بەش كىلوگىرامدىن قېزا قاچىلىدىم» دېدى يۈسۈپجان، ئۆزى ياسىغان قېزىغا تۇز، قارىمۇچ قاتارلىقلارنى سالغاندىن باشقا، يەنە زاراڭزا ئۇرۇقى قوشقان بولۇپ، تەمىمۇ ئۆزگىچە ئىدى.

  «مەن مەخسۇس سۈرلەنگەن قېزا سېتىش ۋېيشىن توپى قۇردۇم، ھەركۈنى دوستلار چەمبىرىكىگە سېتىش ئۇچۇرلىرىنى يوللايمەن، يېرىمدىن كۆپرەك خېرىدار ۋېيشىن توپى ئارقىلىق سېتىۋالىدۇ، چاغان مەزگىلىدىكى سېتىش سوممىمىز 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى» دېدى يۈسۈپجان، ۋېيشىندا زاكاز قىلىش، تېز يەتكۈزۈشتە سېلىش بۇ يىللىق چاغاندىكى ئەڭ ئاساسلىق سېتىش شەكلىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى