چاغاندا غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرىگە پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلدى.
لەي يۈنىڭ فوتوسى
چاغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ كاتتا، داغدۇغىلىق ئەنئەنىۋى بايرىمى، شۇنداقلا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن كىلاسسىك تاماشا. ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى چاغان كەيپىياتىنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ، چاغان مەدەنىيىتىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان قىسمى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە خاس مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى بۇ يەرنىڭ قويۇق، تولۇپ تاشقان، رەڭگارەڭ چاغان كەيپىياتىنى بېيىتتى.
شەرقىي شىنجاڭدىكى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كىچىككىنە ناھىيە بازىرىدا نۇرغۇن قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى سەھنە، بىلىم يۇرتى قاتارلىقلار بار. بۇ يەر ئىلگىرى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم بېكىتى ئىدى، ئىچكىرى رايونلاردىن شىنجاڭغا كەلگەن كىشىلەر يۇرتىنىڭ مەدەنىيىتىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ئەنئەنىۋى چاغان كەيپىياتىنى كۈچلۈك سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغانىدى.
شىمالىي شىنجاڭدىكى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە «ۋاڭخۇڭ كەنتى»-يۆلياڭدى كەنتى بار، ئۇ دۆلەت A3 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى. ھەر يىلى چاغاندا، بۇ جىمجىت تاغلىق كەنتنىڭ ھەممە يېرىگە پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، چاغانلىق مال بازىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، نۇرغۇن شەھەرلىكلەر بۇ يەرگە كېلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ چاغان كەيپىياتىنى ھېس قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى قۇمقاناس كەنتىدە، سىرلىق تۇۋالىقلار يەنە قەدىمىي يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، «قۇمقاناسقا بېرىپ ئىپتىدائىي چاغان ئۆتكۈزۈش» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن ساياھەت تۈرى. يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بەخت تىلەش ئۇسۇلىدا پەرق بار، ئەمما ئوخشاش ئىللىقلىق ۋە كۈچ تارقىتىدۇ.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلە مەنزىرە رايونىغا بېرىپ چاغان ئۆتكۈزگەندە، قىزغىن دولان ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئاڭلاپ كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە رەڭگارەڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ئويۇنىمۇ بار.
بۇ يىل چاغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن مۇزېيلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەر مۇزېيلارغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپلا قالماي، كۆرگەزمە كۆرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن داڭلىق چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ جانلىق ۋە تەسىرلىك چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىدى.
شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەر قايسى مىللەتلەر گۈزەللىكلەردىن ئورتاقلىشىپ، كەڭ قورساق، ئىناق، رەڭگارەڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ چاغان كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتماقتا. بۇنداق ئۆزگىچە چاغان كەيپىياتى چوقۇم سىزگە نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.