تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببەتتە نامراتلىق بىلەن جەڭ قىلىش، بەخت گۈللىرى ئېچىلغاندا پارتىيەدىن مىنەتدار بولۇش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: باش باھار 2-ئايدا، ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولغان بولسىمۇ، ھاۋا يەنىلا سوغۇق ئىدى، ئەمما بۇ قوشئاۋات بازىرى باش يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. يېقىندا، بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىرىنچى شۇجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالتە كۆكتات پارنىكىنى ئوڭشاش ۋە 20 كۆكتات پارنىكىدا كۆكتات تېرىشنى تاماملىدى.

   بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى داۋۇت قۇربان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇنداق مەركەزلىك پارنىكتىن 26سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە كۆكتات پارنىكىنى ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى قىسىم بىزگە قۇرۇپ بەرگەن، 20 پارنىكنى باج ئىدارىسى قۇرۇپ بەرگەن، بۇ بىر نەچچە يىلدا، بۇ 26 پارنىك بىزنىڭ كۆپ پۇل تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىپ، بىز پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمىزدا زور رول ئوينىدى، بۇلتۇر ياغقان قار ئالتە پارنىكنى بېسىۋالدى، بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى جىددىي تۇتۇش قىلىپ، مەخسۇس كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ رېمونت قىلدى. بىزنىڭ بىرىنچى شۇجى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بىزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە پارنىكتا كۆكتات تېرىشىمىزغا ئالدىنئالا ياردەم بەردى، ھازىر كۆكتات پارنىكىنى ئوڭشاپ بولدۇق، كۆكتاتلارنىمۇ تېرىپ بولدۇق، ئىككى ئايدىن كىيىن پۇل يىغىشنىلا ساقلىساق بولىدۇ، پارتىيەمىز ياخشى، باج ئىدارىسى ياخشى، بىزنىڭ بىرىنچى شۇجى ياخشى».

   بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قوشئاۋات بازىرى باش يېڭىمەھەللە كەنتى تېخى بىر تىپىك ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى تۆۋەن، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئاجىز، خەلقنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ناچار ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسى، باج ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئەترىتى ۋە تۇرۇشلۇق جايدىكى قىسىمنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە كەنتنىڭ قىياپىتىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، كەنت رەتلىك، باشقىچە تۈسكە كىرىپ، يوللار ھەممە تەرەپكە تۇتىشىپ، كەنتتىكى تېرىقچىلىق كەسپى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، يوللار تەكشى، كەنت گۈزەل، خەلق باي بولغان بىر يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈردى.

(ماقالە ۋە سۈرەتلەرنى پەيزاۋات ناھىيە قوشئاۋات بازىرى باش يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ بىرىنچى شۇجى ياردەمچىسى سەي جياپۇ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش