تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«ئەتراپتا ساياھەت قىلىش»، «قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت» بۇ يىل ئەتىيازدا تېكەس ناھىيەسى ساياھەتچىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى

  ئانار بۇلۇت: يۇقۇم تەسىرىدە بۇ يىل چاغاندا، «ئەتراپتا ساياھەت قىلىش» ۋە «قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت» دۆلەت ئىچى ساياھىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېڭى ساياھەت ئىستېمالىغا ئايلاندى.

  غۇلجا ناھىيەسىدىن كەلگەن ساياھەتچى تالخار ئاخاتنىڭ ئېيتىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇ دوستلىرى بىلەن بىللە تېكەس ناھىيەسىگە كېلىپ، لىجيې كوچىسىدا ساياھەت قىلىپ، بۇ يەردە قويۇق چاغان پۇرىقىنى ھېس قىلغان.

  ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە تېكەس ناھىيەسى لىجيې كوچىسى مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ قىزغىنلىقى شىددەت بىلەن ئاشقان، ساياھەتچىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئاشقان، «ئەتراپتا ساياھەت قىلىش»، «قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت» قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى %32 ئاشقان.

  تېكەس ناھىيەسى لىگۇڭ بيېيۈەن پۇقراۋى تۇرالغۇسىدا تۇرىدىغان كىشىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ساياھەتچى گۈلدانە يېسبېك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تېكەس ناھىيەسىگە ئوينىغىلى كەلدى، گۈلدانە يېسبېكنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئەسلىدە ئۇ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولغان، لېكىن ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالقىلىق پەيتىنى ئويلىشىپ، تېكەس ناھىيەسىدە «ئەتراپتا ساياھەت قىلىش»نى قارار قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، تېكەس ناھىيەسى جەمئىي 45 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال كىرىمى 23 مىليون 225 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق