تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ): 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇششاق قار ياغىدۇ.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4-، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
بۈگۈن تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن فۇكاڭغىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسى بار.