شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك كەسپى كارخانىلىرى تاماق تىجارىتىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىجياجۇاڭ شەھىرى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىدىن خېرىدارلار ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى، خېرىدارلارنىڭ غىزالىنىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شياۋ فوتوسى
2-ئاينىڭ 22-كۈنى، خېرىدارلار شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ چياۋشى رايونى خۇارۈن ۋەنشياڭ شەھەرچىسىدىكى بىر ئاشخانىدا غىزالانماقتا.
2-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ چياۋشى رايونى خۇارۈن ۋەنشياڭ شەھەرچىسىدىكى بىر ئاشخانىدا، خىزمەتچى خادىم (سولدا) دۇكانغا كىرمەكچى بولغان خېرىدارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
2-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى چياۋشى رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى خۇارۈن ۋەنشياڭ شەھەرچىسىدىكى بىر يېمەك-ئىچمەك ئاشخانىسىغا «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەسكەرتمىسى»نى تارقاتماقتا.