تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجى ئوبلاستى 16 تۈردە «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالىدى، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 9 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يەتتى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر زو شياۋيۈ): سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنى نەق مەيداندا 16 تۈر ئىمزالاندى، بۇ تۈرلەر يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، سودا ئەشيا ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 9 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

2-ئاينىڭ 20-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (سۈرەتنى سانجى گېزىتى تەمىنلىگەن)

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سانجى ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدىكەن. بۇ قېتىمقى «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمى سانجى ئوبلاستىنىڭ يېڭى بىر يىللىق زور مەبلەغ سېلىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش مۇقەددىمىسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى تەرەققىيات مۇھىتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇش يىلى» پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم ئوبلاست سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا دائىر 10 تۈرلۈك تەدبىرنى تۈزۈپ چىقىپ، «كىنىشكا بېجىرسىلا تىجارەت قىلىش»، «يەرگە ئىگە بولسىلا دەرھال ئىش باشلاش»تەك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى