تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تېكەس ناھىيەسى: تور ۋە تور سىرتىدىكى يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت: بۇ يىل، ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش، خادىملارنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىش يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. تېكەس ناھىيەسى يېڭى شارائىتتىكى ئىستېمال ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، «توردا سېتىش، تور سىرتىدا تەقسىملەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مول مەزمۇنلۇق چاغانلىق مال سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

  تېكەس ناھىيەسى سىلۇ يىدۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خىزمەتچىلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە چاغانلىق مال سېتىپ، تور ئەھلىگە تېكەس ناھىيەسىدە ئىشلەنگەن قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى ۋە كالا گۆشى قىيامىنى تونۇشتۇردى. 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، شىركەت چاغانلىق مال سېتىش تەييارلىق خىزمىتىگە كىرىشىپ، توردا سېتىش، تور سىرتىدا تەقسىملەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، «توردا چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» ئۆتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنى ئۆيىدىن چىقمايلا ئەرزان تاۋارلارنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ مېڭچى مۇنداق دېدى: «چاغان مەزگىلىدە، بىز بىر ئايلىق چاغانلىق مال سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، تور سىرتىدا تەقسىملەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، پۇقرالارنى ئۆيىدىن چىقمايلا بۇلۇت تېرمىنالىدا مال سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. بىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىمىز تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇچۇر يوللىرىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، <تور ۋە تور سىرتىدا> سېتىش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى».

  توردا سېتىلغاندىن باشقا، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تور سىرتىدا سېتىلىشىمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى. قوشكۆل مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق گۇ جىچېڭ ئەتىگەندىلا يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنىغا كېلىپ، تېكەس ناھىيەسىنىڭ يەرلىك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، دوستلىرىغا سوۋغا قىلدى. «بۇ دۇكاننىڭ مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى مول، ھەممىسى مۇشۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى» دېدى گۇ جىچېڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، چاغان مەزگىلىدە، تېكەس ناھىيەسىنىڭ خاس ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدا توردا سېتىلىپ، كارخانا ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتىپلا قالماي، يەنە تېكەس ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە داڭقىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. ۋاڭ مېڭچى مۇنداق دېدى: «تېكەس ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى مول ساياھەت ئېكولوگىيەسى ئەۋزەللىكى ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە توردا سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تېكەس ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز باشلامچى ئېلېكتىرونلۇق سودا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بايرام مەزگىلىدە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىمىز».

مەنبە: تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر يەن جۈنچىن، شۇ گۇاڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى