تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 2-تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى تىزىملىككە كىردى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ): دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا 2-تۈركۈمدە جەمئىي 72 نۇقتىلىق تەجرىبىخانا تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى جۇڭيى دورىلىرى (ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى)نىڭ سۈپىتىنى كونترول قىلىش بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلار قاتارىغا كىردى. بۇ تەجرىبىخانا جۇڭيى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ۋە مەھسۇلاتنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

  شىنجاڭنىڭ خاس جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە مول ھايۋانات-ئۆسۈملۈك دورا ماتېرىياللىرى بايلىقى جۇڭيى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو يېمەكلىك-دورا تەكشۈرۈپ بېكىتىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتىغا 30 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سۈپىتىنى كونترول قىلىش ۋە باھالاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  مىللىي تېبابەت دورىلىرى بايلىقىنى تولۇق قېزىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن، بۇ تەتقىقات يۇرتى يەنە مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇل، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش، سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىق تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، نىسبەتەن قېلىپلاشقان، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مىللىي تېبابەت دورىلىرى سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مىللىي تېبابەت دورىلىرىغا ئالاقىدار ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەجرىبىخانىدىن كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغىچە كۆۋرۈك سېلىپ، جۇڭيى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق