تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ئەلى ئابلا:«مەن بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇپ يەتكۈزىمەن»

___ بىڭتۇەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس ئەلى ئابلا توغرىسىدا

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ جىنچى خەۋەر قىلىدۇ): 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، چاغاننىڭ 4-كۈنى. 1-شى 4-تۇەن جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلى ئابلا ئاپتوموبىل بىلەن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا باردى، ئاپتوموبىلدا شۇ تۇەن 6-ليەنىنىڭ 45 ياشلىق ئىشچى-خىزمەتچىسى ما شياۋجۈن بار ئىدى.

ما شياۋجۈن 15 يىل ئىلگىرى قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى كېسىلى بولۇپ قالغان بولۇپ، كېسىلى بەزىدە ياخشى، بەزىدە ناچار ئىدى. ئەلى ئابلا 2016-يىلى 12-ئايدا ما شياۋجۈن بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ھەر يىلى چاغاندا ما شياۋجۈننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھېيتلاپ، مۇڭداشتى. بۇ يىل بارغاندا، ئۇ ما شياۋجۈننىڭ بەدىنىدىكى كېپىنەكسىمان قىزىل داغنىڭ تېخىمۇ قېنىقلاپ كەتكەنلىكىنى، دورىنىڭمۇ تۈگەي دەپ قالغانلىقىنى تاسادىپىي بايقاپ قالدى. ئەلى ئابلاغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشتىن ئەنسىرەپ، ما شياۋجۈن يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئەزەلدىن تىلغا ئېلىپ باقمىغان ئىدى.

«ما ھەدە، مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ كېلەي».

«ھاجىتى يوق، چاغاندا ھەممەيلەن بەك ئالدىراش، سىز چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، مەن ناھايىتى ياخشى».

«سالامەتلىك ئەڭ مۇھىم، ما ھەدە، گېپىمنى ئاڭلاڭ، بىز ھازىرلا يولغا چىقايلى، كەچتە چوقۇم سىزنى ئەكىلىپ قويىمىز».

ئەلى ئابلانىڭ كەيپىياتى جىددىي، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولدى، ما شياۋجۈن ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئەلى ئابلانىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇردى.

دوختۇرخانىدا، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئېلىش، دىياگنوز قويۇش، دورا ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلى ئابلا ئۈستىگە ئالدى. ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئاپىسىدەك ما شياۋجۈننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، كۆڭۈل بۆلدى.

ئەلى ئابلا مۇنداق دېدى:«مەن دېھقاننىڭ بالىسى، كىچىك ۋاقتىمدا كىتاب ئوقۇش جەريانىم بىرقەدەر ئەگرى-توقاي ئىدى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىم، مەن بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇپ يەتكۈزىمەن».

13 يىل ئىلگىرى، ئەلى ئابلا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئالدىدا تۇراتتى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئاندىن داۋاملىق مەكتەپتە ئوقۇدى. كېيىن، ئۇ تارىم داشۆسىگە ئۆتتى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر يەنە بىر قېتىم پەيدا بولدى − ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جوۋ لياڭپىڭ ھەر يىلى ئۇنىڭ بىر قىسىم ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەردى، يەنە ئۇنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قوشۇمچە خىزمەت قىلىشقا تونۇشتۇردى.

ئەلى ئابلا مۇنداق دېدى:«بۈگۈنكى كۈندە، مەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇپ يەتكۈزىمەن».

بۇلتۇر، ئەلى ئابلا «بىڭتۇەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق