تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئارسلان شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىرلىشىپ مەشىق قىلدى، ئاي ئاخىرىدا فېيخۇغا قوشۇلىشىدىن ئۈمىد بار

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ): 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، جوۋچى شەخسىي ۋېيبوسىغا سەپداشلىرى بىلەن يىغىلىشىپ تاماق يېگەن سىن كۆرۈنۈشنى يوللىدى ھەمدە باھا سۆزى قالدۇرۇش رايونىغا ئوخشاشلا مەشىق مەيدانىدىكى شۇنداقلا يۈزىنىڭ يېرىمىنى توسۇۋالغان ئارسلاننىمۇ چىقاردى. جوۋچى ۋېيبوسىغا يەنە يۇمۇرىستىك قىلىپ مۇنداق دەپ يازدى: «بۇ مېنىڭ مۇخبىرنىڭ ئورنىدا ئاشكارىلىغان خەۋىرىممۇ؟ خەۋەر يازىدىغان دوستلار خاپا بولماي نەشىر ھوقۇقى ھەققىنى تۆلىۋەتكەن بولساڭلار! رەھمەت».

   ئارسلان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئادىلجاننىڭ ئوغلى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي فېيخۇ ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئارسلاننىڭ كۇلۇبقا قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىغا قارىتا تېخى ئېنىق جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇ مۇسابىقە پەسلى CBAنىڭ تۇنجى ماھىر تاللاش مەزگىلى بولۇپ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. CBA بىرلەشمىسى يېڭىلىغان ئەركىن توپچىلار تىزىملىكىدە ئارسلانمۇ بار بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئاي ئاخىرىدىكى ماھىر تاللاش مەزگىلىدە ئەركىن يۆتكىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئارسلان بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر كېلىدۇ، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مۇھاپىزەتچى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئالتە مۇسابىقە پەسلىدە 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىغان. 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان مۇسابىقە پەسلىدە، ئارسلان كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەسىلنى كۈتۈۋالغان، مەيدانغا چىققان ئوتتۇرىچە ۋاقتى 23.8 مىنۇت بولۇپ، 10.9 نومۇرغا ئېرىشكەن، گاردىن قايتقان توپ 1.8، ياردەمچى ھۇجۇم 2.5، 1 تارتىۋالغان توپ 1 بولغان.

   بىرلەشمە مۇسابىقە 3-ئايدا قايتا باشلىنىدۇ، يېقىندا، ئارسلاننىڭ كوماندا بىلەن بىرلىشىپ مەشىق قىلغاندىكى ئىپادىسىمۇ بۇ شاكىچىكنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى