تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان-ياۋىداق سۆز ھەقىقەت نۇرىنى توسۇپ قالالمايدۇ

شىنجاڭ كانچىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاھاپ مۆمىن

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە خالىغانچە تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى. بۇنىڭغا مەن قەتئىي قارشى تۇرىمەن، شۇنداقلا پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىدىغان، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى پەقەت تېخىمۇ مەزمۇت بولىدۇ.

مەن بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، شىنجاڭدا چوڭ بولغان. مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك گۈزەل مەنزىرىنى كۆردۈم، كىچىكىمدىن تارتىپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىنلىقى، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ يەردە بىز ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمىز. مېنىڭ ھەر مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم، قوشنىلىرىم ۋە دوستلىرىم بار، بىز بىللە ئۆگەندۇق، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، بىللە تۇرمۇش كەچۈردۇق.

مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىم جەريانىدا، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە ھېس قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئازادە، ئادىل بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بولۇپ، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە ئادەم ئوخشاش پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولدى، ھەممە ئادەم ئۆزى ئۈچۈن بەخت يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مېنىڭ ئىككى بالام بار، ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ.

ھازىر مەن بىر ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى. بىزنىڭ شۆيۈەننىڭ ئىككى مەكتەپ رايونىدا ھازىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 3000دىن ئاشىدۇ، 30دىن ئارتۇق كەسىپ تەسىس قىلىنغان، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %94ىدىن ئاشىدۇ. شۆيۈەندە ناھايىتى ياخشى مائارىپ، ئوقۇتۇش بايلىقى بار، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر كەسپىي تەجرىبە ئەمەلىي مەشىق سىنىپىدىن 21ى قۇرۇلغان، ئەمەلىي مەشىق ئۈسكۈنىسى جەمئىي 960دىن ئارتۇق، يەنە ئوندىن كۆپرەك ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق پىراكتىكا شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، شۆيۈەنىمىز سىنىپلار قوشماقلىشىش، ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى، ھەۋەسكارلار كۇرۇژۇكى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدا مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە بارغاندا، دائىم ئاتا-ئانىلارنىڭ «پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، بىزنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە بالىلارنى بىلىم ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلىپى بالىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پارتىيەنىڭ مائارىپ سىياسىتى پۇقرالارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

بۇلار مېنىڭ ئۆز كەچۈرمىشىم. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، شىنجاڭدا جەننەتكە ئوخشاش گۈزەل مەنزىرە، شېرىن-شېكەر مېۋە-چېۋە، كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدىغان مەززىلىك تائاملار بولغاندىن باشقا، يەنە ئىتتىپاق، دوستانە، قىزغىن، مېھماندوست ھەر مىللەت خەلق بار. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، «مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن، مەن شىنجاڭدىن پەخىرلىنىمەن» دېگەن بۇ سۆز بىز ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ يۈرەك ساداسى. پومپېئونىڭ بۇ سۆزلەرنى ئېنىق ئاڭلىشىنى، ئاڭلاپ چۈشىنىشىنى، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەخمىقانە خام خىيالىدىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.