تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئو ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى

شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى

پومپېئو ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ھەدەپ تۆھمەت قىلىپ، شىنجاڭغا ئەسەبىيلەرچە ھۇجۇم قىلدى، قارا چاپلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!

پومپېئونىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلىشى، ھۇجۇم قىلىشى تامامەن قالايمىقان جۆيلىگەنلىك، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، مەقسىتى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭ خەلقىنى خاتىرجەم، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرگىلى قويماسلىق، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل.

شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغىنى بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق. ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ گىرەلەشمە تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئۈزۈلمەي يۈزبەردى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ پەيدا قىلدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، شىنجاڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۆتكەن تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.

دەل پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاجلاندى، دىنلار ئىناق، رايىش بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلىدى، ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلاشتى، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتىدىكى ھەر مىللەت مۇزىكا خىزمەتچىلىرى ئوخشاش ھېسسىياتتا، بىز تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى، جان تىكىپ كۈرەش قىلىشى، بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم رېئال تېمىدىكى مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، جانلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق پومپېئونىڭ بىمەنە سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردۇق. «كەنتتە تۇرۇش» «يېڭى دەۋرنىڭ باھارىغا قۇچاق ئاچايلى» «تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز» «ئوردېن» «مىللەتلەر قانچە يېقىن بولسا، شىنجاڭ شۇنچە گۈزەل بولىدۇ» قاتارلىق پارتىيەنى كۈيلەيدىغان، ۋەتەننى كۈيلەيدىغان، خەلقنى كۈيلەيدىغان، قەھرىمانلارنى كۈيلەيدىغان بىر تۈركۈم مۇزىكا ئەسەرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ياڭرىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈرلۈك مۇزىكا ئەسەرلىرىگە شىنجاڭ مۇزىكانتلىرىنىڭ سەنئەت ئىستىكى يۇغۇرۇلغان، شۇنداقلا بۇ تۇپراقتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم-ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغداش ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق، گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان رېئاللىقى خاتىرىلەنگەن.

نېمىنىڭ ھەق-ناھەق، نېمىنىڭ يوللۇق-يولسىزلىق ئىكەنلىكى كىشىلەر كۆڭلىگە ئايان، ھەققانىيەت كىشىلەرنىڭ قەلبىدە. تۆھمەت قىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، پىتنە-ئىغۋا ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك شىنجاڭ خەلقىنى ئالدىيالمايدۇ، قارا چاپلاش شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ. پومپېئونىڭ چۈمۈلىنىڭ دەرەخنى لىڭشىتماقچى بولغىنىدەك ئۆزىنى چاغلىمىغانلىقى ئاخىرىدا پەقەت ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولۇپ، تارىخنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.