تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئونىڭ سەپسەتىلىرى پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق

خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرىدىكى دېھقان ئېزىز تۇرسۇنتوختى

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى. پومپېئونىڭ بۇ سەپسەتىلىرى پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك. بۇنىڭدىن مەن قاتتىق غەزەپلەندىم، بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

مېنىڭ ئۆيۈم خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرىدا. 2019-يىلى 4-ئايدا، مەن خوتۇنۇم بىلەن بىللە شەندۇڭ ئۆلكىسى خاۋباۋ كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت چەكلىك شىركىتىگە تەكلىپ بىلەن بېرىپ خىزمەت قىلدىم، مەن ھازىر شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى، كىرىمىممۇ يامان ئەمەس. شىركەت بىز بىلەن ئىشلەمچىلىك توختامى ئىمزالىدى، يەنە بىزگە تۈرلۈك سۇغۇرتىلارنى تاپشۇرۇپ بەردى. شىركەتنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى، مەخسۇس بىز ئۈچۈن ئازادە، يورۇق، پاكىز، راھەت تۇرالغۇ تەييارلاپ بەردى، تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تولۇق، تېلېۋىزور ۋە سىمسىز تور بار بولۇپ، بىزگە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. شىركەتتە مۇسۇلمانچە ئاشخانا بار، تاماقلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول. شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى زامانىۋى بولۇپ، ئىنتايىن ئىلغار. مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز. ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئالغاندا، كۆپچىلىك بىللە بازار ئايلىنىمىز، كىنو كۆرىمىز، نەرسە-كېرەك سېتىۋالىمىز. سىرتقى دۇنيا ھەقىقەتەن بەك رەڭدار، بەك گۈزەل ئىكەن، مەن ۋە خوتۇنۇم ئىنتايىن خۇشال، بەختلىك.

شىركەتتە بىز شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىشلەمچىلەر ھېچقانداق كەمسىتىشكە ئۇچرىمىدۇق. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، بىزنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز شىركەتتە پۈتۈنلەي قوغدالدى ۋە ھۆرمەتلەندى. بۇ يەردە مەن پومپېئو ئەپەندىدىن سوراپ باقاي، شىركىتىمىزگە ئۆزۈڭ كېلىپ زىيارەت قىلىپ باقتىڭمۇ؟ بىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىمىزنى ئۆزۈڭ كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ باققانمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سەن نېمىگە ئاساسەن بىزنى «زاۋۇتتا ئەركىنلىكى يوق، خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى ناچار» دەپ بىلجىرلايسەن؟ ئەگەر زاۋۇتتا بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز بولمىسا، بىز قانداق قىلىپ مەنزىرە رايونلىرىغا ساياھەت قىلىشقا بارالايمىز، قانداق قىلىپ بازار ئايلىنىپ، كىنو كۆرۈپ، ئۆزىمىز خالىغان ئىشلارنى قىلالايمىز؟ ئەگەر بىزنىڭ زاۋۇتتىكى خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىمىز ناچار بولسا، ئۇنداقتا بىز ئەر-خوتۇن نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمىز؟

پومپېئو ئېيتقان يالغان-ياۋىداق سۆزلەر پەقەتلا يامان نىيەت بىلەن جۇڭگوغا قارا چاپلاشتىكى باھانە، بۇ سەپسەتىلەر پاكىتقا ئېغىر خىلاپ، قىلچە ئاساسى يوق. بىز سېنى ھەممە يەردە يالغان-ياۋىداق گەپ تارقاتماسلىققا دەۋەت قىلىمىز، بىز ھەرگىز ئالدانمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.