تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەلىم-تەربىيە مەركىزى مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بەردى

يەكەن ناھىيەسىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى مەمەتنىياز ئىمىننىياز

يېقىندا، پومپېئو يەنە شىنجاڭغا ئاساسسىز قارا چاپلاپ، تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، تەلىم-تەربىيە مەركىزى مېنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم بەردى، ماڭا كەسپىي ماھارەت ئۆگەتتى، مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

ئىلگىرى مەن تىجارەت قىلغاندا، بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە، مەن ئىدىيە، ھەرىكەتتە تەدرىجىي ھالدا ئەسەبىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەندىم. كېيىن، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، مەن تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىش-تەربىيەلەشكە قاتناشتىم.

تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە، بىز ئاساسلىقى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگەندۇق. ئەگەر مەن تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنمىگەن بولسام، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن بارغانسېرى چوڭقۇر زەھەرلەنگەن، قەدەممۇقەدەم جىنايەت گىردابىغا بېرىپ قالغان بولاتتىم، ھازىر ئويلىسام قورقىمەن.

تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن بىر-ئىككى خىل كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشنى تاللىساق بولىدۇ. مەن نان يېقىش تېخنىكىسىنى تاللىدىم، ساۋاقداشلىرىممۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسپىي ماھارەتنى تاللىدى، بەزىلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تاللىدى، بەزىلىرى ئاشپەزلىكنى تاللىدى، يەنە بەزىلىرى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈشنى تاللىدى. تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە، بىز ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.

تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن 25 ئادەم قوبۇل قىلىپ، تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن نان يېقىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىر نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بىر يىلدىلا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم. بۇلتۇر يىل بېشىدا، مەن يەنە ساپ سۇ شىركىتى قۇردۇم، نۆۋەتتە شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1800 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 20 نەچچە خىزمەتچى بار، ھەر كۈنى 40 مىڭ بوتۇلكا ساپ سۇ ئىشلەپچىقىرالايدۇ. مېنىڭ ساۋاقداشلىرىممۇ تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مۇقىم خىزمەت تاپتى، بەزىلىرى سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولدى، بەزىلىرى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلىدى، يەنە بەزى ساۋاقداشلىرىم ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ لوبەن بولدى، بەزىلىرى ئاشخانا ئاچتى، بەزىلىرى ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئاچتى، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.

ھازىر ئويلىسام، ئەگەر تەلىم-تەربىيە مەركىزى بولمىسا، مەن ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشى بولمايتتى. پومپېئو، كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدىڭ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ئالدىدا، سەن تارقاتقان يالغان-ياۋىداق سۆزلەر مۇقەررەر ھالدا ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.