تەنھەرىكەتچى يەنچىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى دۆلەت روللۇق چانا، چانا مەركىزىدىكى سىناق پائالىيىتىدە (2-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قار پەسلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى بايقاپ، تەجرىبە توپلاش ئۈچۈن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرىدا بىر قاتار سىناق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن باشلاپ، «ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى
2-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەنچىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى دۆلەت روللۇق چانا، چانا مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىملار تېيىلىش بىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
2-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەنچىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى دۆلەت روللۇق چانا، چانا مەركىزىدە، مۇز ياساش ئۇستىسى مۇز يۈزىنى تازىلىماقتا.
خىزمەتچى خادىملار جاڭجياكوۋ مۇسابىقە رايونىدىكى يۈندىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكىمەكتە (2-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خې جاڭشەن فوتوسى