تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ھەمراجان تىۋاخۇننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: ھەمراجان تاشكەن باي ساز كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان، كىرىمى بىر خىللا ئىدى، ئۇ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى تاپالمىغانىدى، تۇرالغۇ شارائىتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى يەر تېرىش ئىدى، لېكىن يەنە تەبىئىي ئاپەتكە دۇچ كەلدى. ھالبۇكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىگە تايىنىپ، بۇ پايدىسىز ئامىللارنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى باغاش ئەتتى.

  ھەمراجان ئۈچۈن ئېيتقاندا، 2014-يىلى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق بىر يىل بولدى. شۇ يىلى ئۇ تېرىغان 18 مو يەردىكى زىرائەت تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ، ھوسۇل ئالالمىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق يېيىشى، ئۆزى قەرەللىك دورا يېيىشى، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇشى كېرەك ئىدى، بىراق كىرىم ئۈزۈلۈپ قېلىش بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، شۇ يىلى ئۇنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزدى، تۈرلۈك ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ئاران قامدالدى.

  ھەمراجان مۇنداق دېدى:«ئۇ چاغلاردا پۇل يوق، ئۆيلەرمۇ كېسەك ئۆي ئىدى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكلەرمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، بالىلارنىڭ بىرەر چىرايلىق كىيىمىمۇ يوق بولۇپ، تۇرمۇش تولىمۇ قىيىن ئىدى».

  تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ھەمراجان ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. ئۇ ھەمىشە كىشىلەرگە نامرات ئائىلە بولۇش شەرەپلىك ئىش ئەمەس، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى، بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشىمىز، ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ تەييارغا ھەييار بولماسلىقىمىز كېرەك، دەيتتى. كېيىن، ئۇ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇردى، يېڭى ئۆي كەنتنىڭ ئاساسىي كوچىسىغا يېقىن بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە ياردىمىدە، ئۇ قورۇدا بىر دۇكان ئاچتى، يەنە تەرەپ-تەرەپتىن پۇل توپلاپ ئىككى سېغىن كالا سېتىۋالدى، ماگىزىندا سۈت سېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

  ھەمراجان مۇنداق دېدى:«ئىككى سېغىن كالىدىن بىر كۈندە 25 كىلوگىرام سۈت سېغىۋالغىلى بولىدۇ، سۈتنى ماگىزىندا ساتىمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەن يەنە تىرىشىپ 5-4 كالا سېتىۋېلىپ كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن».

  تۇرمۇش مۇقىملاشتى، ھەمراجان دۇكىنىنى خوتۇنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، سىرتتا شوپۇرلۇق خىزمىتى تاپتى، تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. بىر ئاددىي كەنت ئاھالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمراجان بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ، كەنتتىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى