تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەرقنى ئايلىنىدىغان شەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۇلانباي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن گەنچۈەنباۋ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سو روڭجى): ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق ئەترەت» دېيىلىدۇ) قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى سەۋەبلىك، كۆرۈش ئارىلىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، يول يۈرۈش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەرقنى ئايلىنىدىغان شەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچى-ئۇلانباي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن گەنچۈەنباۋ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە بولغان بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشنى تىزگىنلەش، تارقاقلاشتۇرۇش يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى تېخى بايىلا ئېلان قىلدى.

   بۇنىڭدىن ئىلگىرى قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قاتناشقا چەك قويۇلغان بۆلىكى يەنە داۋاملىق ئۇزارتىلىپ، سانجى شەرقىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن كۈيتۈن غەربىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە قوش يۆنىلىشلىك قاتناشقا چەك قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق