تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ): 2-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە بىر مەيدان غەلىتە ھاۋارايى ھادىسىسى يۈز بەردى: تۇمان دەي دېسە، يەر يۈزى ھۆل بولدى؛ يامغۇر دەي دېسە، كۆز ئالدىمىز تۇمانلىشىپ كەتتى. زادى بۇ قانداق ھاۋارايى ھادىسىسى؟ مۇخبىر شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى.
«بۇ يامغۇر، تۇمان ئەمەس. بۇ خىل ھاۋارايى ئاساسلىقى قىش بىلەن ئەتىياز ئالمىشىدىغان مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ، بىراق ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ» دېدى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى چېن چۈنيەن، ئۇ بۇ خىل ھاۋارايى ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى، «ئالدىنقى نەچچە كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر ئاز تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنىلا ℃1.9 بولدى. 1000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃0 ئەتراپىدا بولۇپ، سۇ پارى ئۇششاق سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىپ يەرگە چۈشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شامال بولمىغاچقا، يەر يۈزىگە يېقىن جايدىكى سۇ پارى ئىزچىل ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈپ، قارىماققا تۇمانغا ئوخشاپ قالدى».
بۇ 2021-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ياغقان تۇنجى يامغۇر ھېسابلىنامدۇ؟ ئېھتىمال ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. «مېتېئورولوگىيەدە، 24 سائەتلىك ھۆل-يېغىن مىقدارى 0.1 مىللىمېتىردىن يۇقىرى بولسا، ئاندىن يامغۇرلۇق كۈن ھېسابلىنىدۇ. 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، ھۆل-يېغىن مىقدارى شەكىللەنمىدى. بىراق، بۈگۈن كەچتە كېلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، سىم-سىم يامغۇر قارغا ئايلىنىدۇ، ئۇ چاغدا ئەگەر ھۆل-يېغىن مىقدارى شەكىللەنسە، قار ياغقان بولىدۇ».