تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە نوكچا مۇز تازىلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى


خىزمەتچى خادىملار قاراماي جەنۇبىي يولى ئاسما كۆۋرۈكى ئاستىدىكى نوكچا مۇزنى تازىلىماقتا.
(ئىختىيارىي مۇخبىر لى جيەنشى فوتوسى)

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي): يېقىندا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بىر قىسىم كۆۋرۈك، لەمپە ئاستىدا ئېرىگەن قار-مۇزلارنىڭ نوكچا مۇز ھاسىل قىلىپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ۋە ئاپتوموبىللارغا ناھايىتى زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئاسما كۆۋرۈك ئاستىدا پەيدا بولغان نوكچا مۇزلارنى تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتى.

خىزمەتچى خادىملار قاراماي جەنۇبىي يولى ئاسما كۆۋرۈكى ئاستىدىكى نوكچا مۇزنى تازىلىماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى جيەنشى فوتوسى)

   2-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، غەربىي تاشقى ئايلانما قاراماي غەربىي كوچىسىدىكى كۆۋرۈك ئاستى، جەنۇبىي تاشقى ئايلانما «1-ئىيۇل» جياڭيۇ زاۋۇتىدىكى كۆۋرۈك ئاستى، ئالتاي يولى ئاسما كۆۋرۈكى ئاستى، چيەنتاڭجياڭ يولىدىكى كۆۋرۈك ئاستى، قاراماي جەنۇبىي يولى ئاسما كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىي چىقىش ئېغىزىدىكى باغلىما يول قاتارلىق جايلاردا تارقاق نوكچا مۇز پەيدا بولغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلەر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش مەركىزى (شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئالاھىدە مەشغۇلات مەركىزى) تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كېچىلەپ تازىلاش ئېلىپ بارغان.

   «ھەر يىلى ئەتىيازنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئاسما كۆۋرۈك ئۈستىدىكى قارلار ئېرىگەندىن كېيىن، كۆۋرۈك ئاستىدا نوكچا مۇز پەيدا بولىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش مەركىزى (شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە مەشغۇلات مەركىزى) تازىلاش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جيەنشىنىڭ ئېيتىشىچە، قار ياغقاندىن بۇيان، بۇ تازىلاش ئاپتوموبىل ئەترىتى ئالتە گۇرۇپپا ئاپتوموبىل ئەترىتى ئەۋەتىپ، ھەر كۈنى «田» شەكىللىك يولدىكى شەرقىي تاشقى ئايلانما يولى، شىسەن يولى ئاسما كۆۋرۈكى ۋە ئالتاي يولى ئاسما كۆۋرۈكى قاتارلىق جايلارنى چارلاپ تەكشۈرگەن، ئەگەر كۆۋرۈك ئاستىدا نوكچا مۇز بايقالسا، خىزمەتچى خادىملار ۋاقتىدا تازىلىغان، تازىلاش خىزمىتىنىڭ كۆپىنچىسى ھەر كۈنى سائەت 22دىن ئەتىسى سائەت 8گىچە ئېلىپ بېرىلغان.

خىزمەتچى خادىملار قاراماي شىمالىي يولى ئاسما كۆۋرۈكى ئاستىدىكى نوكچا مۇزنى تازىلىماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى جيەنشى فوتوسى)

   «ئادەتتە ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئەتراپىدا بولغان ئاسما كۆۋرۈكتىكى نوكچا مۇزنى ئۆرلەش-تۆۋەنلەش ماشىنىسى ئارقىلىق تازىلاشقا بولىدۇ، ئاندىن يىغىلىپ قالغان قارلار بىلەن تەڭ شەھەردىن تازىلاپ چىقىرىلىدۇ، ئەگەر كۆۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە، 30 توننىلىق كىراننى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ.» لى جيەنشىننىڭ ئېيتىشىچە، بەزىدە شۇ كۈنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئەتىسى يەنە يېڭى نوكچا مۇز پەيدا بولۇپ، يەنە بىر قېتىم تازىلاشقا توغرا كېلىدىكەن.

   ئاسما كۆۋرۈكتىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن كۆتۈرمە كۆۋرۈكلەردىكى يامغۇر لاپىسى، BRT بېكىتى قاتارلىق جايلاردىمۇ يىغىلىپ قالغان قار-مۇزلار ئېرىپ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىك شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن چارلاشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا تازىلاشنى تەلەپ قىلدى. ئىمارەتلەردىكى نوكچا مۇزغا قارىتا، ھەرقايسى مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۈچ تەشكىللەپ، تەۋەلىكتىكى ئۆيلەرنىڭ ئۈستىدىكى نوكچا مۇزلارنى تازىلاپ، نوكچا مۇز چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق