تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا قارا چاپلاشقا يول قويمايمىز

پىچان ناھىيەسىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئايشەم رۇسۇل

پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمدى، ھەق - ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق كۆپچىلىككە شۇنى ئېيتىمەنكى: پومپېئو پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاۋاتىدۇ!

ئىلگىرى، مېنىڭ قانۇن ئېڭىم سۇس، ھەق - ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىم كەمچىل ئىدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مەندە نۇرغۇن خاتا قاراشلار شەكىللىنىپ، كۈنبويى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەنىدىم.

كېيىن ئېرىمنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىش - تەربىيەلىنىشكە قاتناشتىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن كۈنلەر كۆڭۈللۈك ھەم ئۇنتۇلغۇسىز. ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى رەتلىك، پاكىز، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، تاماق، ياتاق، تۇرمۇش، ئۆگىنىش بۇيۇملىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز، كېسەل كۆرسەتسەك شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايمىز، مۇئەللىم بىزگە بىلىم ۋە ماھارەتنى قولمۇقول ئۆگەتتى. ئۇ يەردە، مەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگەندىم. ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، مەن ئىلگىرىكى ئويلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى، جەزمەن ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇپ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشۈم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش دۇكىنى ئېچىش ئويىغا كەلدىم. كەنت ئاھالە كومىتېتى مېنىڭ بۇ ئويۇمنى بىلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى تەييارلىشىم، خېرىدار جەلپ قىلىشىمغا پائال ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. 2019 - يىلى مېنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش دۇكىنىم ئوڭۇشلۇق تىجارەت باشلىدى. بىر يىلدىن كېيىن، مەن 50 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، بىر قىسىم كۈتۈنۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلاپ سېتىۋالدىم، شۇنداقلا يەنە بەش شاگىرت تەربىيەلىدىم. ھازىر مەن ئايدا 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىمەن.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە رەھمەت، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈشۈمگە، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمغا ياردەم بەردى، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش يولىغا ئاتلىنىشىمغا قانات بەردى.

مەن پومپېئوغا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمىز، بىز ئىگىلىك تىكلىسەك قەرز پۇل ئالالايمىز، ئۆي سالساق ياردەم تولۇقلىمىسى ئالالايمىز، بالىلىرىمىز ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار. بىزنىڭ پۇل تېپىش يولىمىزمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەميېنىمىز بارغانسېرى تومپايدى. پومپېئو، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، سېنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ھۇجۇم قىلىشىڭغا، قارا چاپلىشىڭغا يول قويمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.