تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ

ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى كەنئارال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زۇلپىيە غالىب

مېنىڭ ئۆيۈم تاغدا، ئۇ يەرنىڭ تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، ئائىلىمىزنىڭ بىرنەچچە مو يېرىنى تېرىشقا تايىنىمىز، بىر يىلدا ھېچقانچە پۇل ئېشىنالمايمىز. كېيىن، مېنىڭ تاغلىق رايوندىن سىرتقا چىقىپ پۇل تاپقۇم كەلدى.

كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، 2018 - يىلى 3 - ئايدا، مەن ئاتۇش شەھىرىگە كېلىپ، كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە بىر يىللىق ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەندىم. مەكتەپ بىزنى ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق بىلەن تەمىنلىدى، مەن يەنە 2000 يۈەن تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئالدىم. مەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش كەسپىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، ھەر قېتىملىق دەرسنى تولىمۇ ئەستايىدىل ئاڭلىدىم. مەن ھەر كۈنى ئۆگىنىش خۇشاللىقىغا چۆمۈپ، ئۆگىنىش بىرقەدەر تەس ماھارەتلەرنى قايتا - قايتا مەشىق قىلدىم. بىر يىلدىن كېيىن، مەن ئوڭۇشلۇق ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالدىم، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يولىدا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتى تاپتىم، تاماق، ياتاقنى كۆتۈرىدۇ، ھەر ئايدا يەنە 2500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە مائاش ئالىمەن. ھازىر، تېخىمۇ كۆپ كىشى ماڭا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاۋاتىدۇ.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، مېنىڭ يۇرتۇمدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، كەڭ ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە ياسالدى، ھەممە كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەممە ئادەمنى قاپلىدى.

ئەمما، يېقىندا پومپېئو يەنە سەكرەپ چىقىپ، جۇڭگوغا قارا چاپلايدىغان، تۆھمەت قىلىدىغان سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلدى. بۇلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندىم، پومپېئو، سەن سېپى ئۆزىدىن ئالدامچى! مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سېنىڭ سۇيىقەستىڭ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.