تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بوران - چاپقۇنلۇق 100 يىللىق يولدا كۈرەش ئارقىلىق شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى. 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

«خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل. ئۆتكەن كۈرەش قىلىش يولىنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت خې ۋېيچاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلىنىۋاتقان مۇھىم، زور پەيتتە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى تارىخىي كېسىشكەن ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى. پارتىيە تارىخى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زورلۇقىنى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. خىزمەت داۋامىدا توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشى تۇرغۇزۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۇەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى. بىز ئىدىيە يۈكسەكلىكىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملايمىز. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىپ، توردا تەشۋىق قىلىش بىلەن تور سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى، ئەترەت كۈنىنىڭ ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ئارىسىدا پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز.

گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۈدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى «قوماندان» بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەگە بولغان تونۇشۇمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىمەن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. بولۇپمۇ پۈتۈن ناھىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى ئۆزۈم تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

«پارتىيەنىڭ تارىخى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شانلىق، پارلاق تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز پارتىيە تارىخىنى مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گې گو پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنىڭ تېخىمۇ مۈشكۈل، شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىدۇ، ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، خەلق رايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق پارتىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندە، پارتىيە ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ، ھەممىدە غەلىبە قىلالايدۇ. «باش شۇجىنىڭ سۆزىدە كۆڭلۈمدىكى گەپ قىلىنىپتۇ!» پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى لايلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى غوپۇرجان ئەخەت مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار فەن خۇڭيى، لۇ فېڭباۋ، لياڭ لىخۇا، گې يوۋجۈن، خېي خۇڭۋېي، جاۋ شىيا، جېڭ جو، گۇچۇڭ ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ئەن تاۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى