تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول قوش ئايلانما لىنىيەسى يىل ئىچىدە پۈتىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسى 6000 كىلومېتىردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول قوش ئايلانما لىنىيەسى پۈتىدىكەن.

نۆۋەتتە، ئۇزاققا سوزۇلغان دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئايلانما لىنىيە شەكىللەندۈردى، لېكىن شىمالىي شىنجاڭدا جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول چەمبىرىكى تېخى شەكىللەنمىدى.

«پۈتۈن شىنجاڭدا تاشيول ئايلانما شەكىلدە بولۇپلا قالماي، يەنە سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تاشيولنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول قوش ئايلانما لىنىيەسى تەدرىجىي شەكىللەندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى جېڭ مىڭچۈەن.

شىمالىي شىنجاڭنى ئېلىپ ئېيتساق، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، كۈيتۈندىن ئالتايغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەمدە G216 لىنىيەسىدىكى كۆكتوقايدىن ۋۇسەيۋەنغىچە بولغان تاشيول ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول چەمبىرىكى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. بۇ يىل، G216 لىنىيەسىدىكى بېيتۈندىن كۆكتوقايغىچە بولغان تاشيول پۈتىدۇ، شۇ چاغدا جۇڭغار ئويمانلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يولىدا بىر يېپىق ھالقا شەكىللىنىپ، شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللىنىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تەرەققىياتىمۇ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، تۇرپاندىن چىقىپ قەشقەر شەھىرىدىن ئۆتۈپ خوتەن شەھىرىگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بار بولدى. نۆۋەتتە، لوپ - نىيە - چاقىلىق يۆنىلىشىدىكى تاشيول ۋە لوپنۇر - 35 - تۇەن - چاقىلىق تاشيولى ياسىلىۋاتىدۇ، يىل ئىچىدە تۇتاشتۇرۇلۇش پىلانلاندى، شۇ چاغدا، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول چەمبىرىكى شەكىللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول ئايلانما لىنىيەسى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 5500 كىلومېتىردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق