تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شاپتۇل پارنىكىدا مېۋە شالاڭلىتىش ئالدىراشچىلىقى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چيۇڭ خەۋەر قىلىدۇ): 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى 13-شى قىزىل يۇلتۇز 1-مەيدانى 7-ليەنىنىڭ توغاچ شاپتۇلى پارنىكىدىكى شاپتۇل دەرەخلىرىنىڭ مېۋە شالاڭلىتىش مەزگىلى ئىدى. ئىشچى تەن جۈنچاڭ ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستىنلا پارنىكقا كىرىپ، ئىشچىلارنى باشلاپ شاپتۇل دەرىخى شاخلىرىدىكى ئارتۇق مېۋىلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، ياخشى ئۆسكەن مېۋىلەرنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى.

«ئەلا سۈپەتلىك تاۋار مېۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، بىزنىڭ بۇ پارنىكتىكى شاپتۇل دەرەخلىرىنىڭ ھەر بىر تۈپىدە پەقەت 100 تال ئەتراپىدا تاۋار مېۋە قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا پىشقاندا تېخىمۇ ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ». 2009-يىلىدىن باشلاپ پارنىكتا توغاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈشكە باشلىغان تەن جۈنچاڭ شۇ جايدىكى داڭلىق مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ماھىرى بولۇپ قالدى.

بۇ يىل، تەن جۈنچاڭ 52 پارنىكتا توغاچ شاپتۇل ۋە 6 پارنىكتا سۇلياۋ پارنىك ئۈزۈمى ئۆستۈردى. بۇ يىل چاغاندا، ئۇ بىر كۈنمۇ دەم ئالمىدى، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش يۈردى.

«ھازىر توغاچ شاپتۇل مېۋىلەيدىغان ھالقىلىق مەزگىل، مەن ئون نەچچە ئىشچىنى باشلاپ، ئۇدا 20 نەچچە كۈن ئىشلىگەندىلا، ئاندىن پارنىكتىكى مېۋىنى شالاڭلىتىش خىزمىتىنى تاماملىيالايمەن، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى باشقا ئەزالارنى تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەيمەن، قاچان چاقىرسا شۇ چاغدا بارىمەن». يىل بويى ئەمگەك قىلغاچقا، تەن جۈنچاڭنىڭ ئىككى قولى قوپاللىشىپ قارىداپ كەتكەن، بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى.

ئەڭ دەسلەپكى «يالغۇز ئېلىشىش»تىن، ھازىر تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغانغا قەدەر، تەن جۈنچاڭ يەنە «جۈنچاڭ توغاچ شاپتۇلى» ماركىسىنى يارىتىپ، بالدۇر پىشىدىغان توغاچ شاپتۇلنى ئۈرۈمچى، ھەتتا گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق جايلارغا ساتتى.

«13-شى توغاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈشتە ئەۋزەللىككە ئىگە، لېكىن تاۋار مېۋىسى ئاز، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، تېرىقچىلىق كۆلىمى كىچىك، شۇڭا يېڭى تېخنىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، پارنىكتىكى توغاچ شاپتۇلنى بىزنىڭ خاس ئەۋزەل كەسپىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك». بۈگۈنكى كۈندە، تەن جۈنچاڭ ئەتراپتىكى تۇەن-چاڭ ۋە قومۇل تەۋەلىك رايونىدىكى 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ پارنىكتا مېۋە-كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ ئىككى يىلدا، ئوي-پىكرى جانلىق بولغان تەن جۈنچاڭ يەنە بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تېرىقچىلىق بازىسىدا ئۈزۈش باغچىسى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئەتىيازلىق چېچەك سەيلىسى، يازلىق مېۋە ئۈزۈش، ئىستىراھەت، سەيلە قىلىشتىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق ساياھەت تەسىراتى يارىتىپ بەردى.

«شاپتۇل چېچەكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، نەچچە مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى <جۈنچاڭ توغاچ شاپتۇلى>نى تونۇپلا قالماي، يەنە تۇەن-چاڭلارنىڭ <ئارقا ساندۇق ئىقتىسادى>غا تۈرتكە بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى تەن جۈنچاڭ.

پارنىكتا، دەرەخ شاخلىرىدىكى مېۋىلەر بۇ يىل يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. تەن جۈنچاڭ 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا توغاچ شاپتۇلدىن مول ھوسۇل ئېلىشنى كۈتمەكتە، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ «جۈنچاڭ توغاچ شاپتۇلى»نىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىشىنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى