تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر «تۇغقان»ىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

گۈلزىيا (سولدا) قوشماقلاشقان تۇغقىنى سېرىنبات (ئوڭدا) بىلەن پاراڭلاشماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لېلې، ئىختىيارىي مۇخبىر يېكېلا خەۋىرى، فوتوسى): «سېرىنبات ئاكا، چاغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، مەن ھېيتلاپ كەلدىم!» 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسى خۇستاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سېرىنباتنىڭ ئۆيىگە بىر مېھمان كەلدى — ئۇ بولسىمۇ بورتالا ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى گۈلزىيا.

بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن گۈلزىيا بىلەن 63 ياشقا كىرگەن سېرىنبات 2019-يىلىنىڭ بېشىدا «تۇغقانلاشقان» بولۇپ، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا گۈلزىيا دائىم سېرىنبات ئەر-خوتۇننى يوقلاپ تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا، سېرىنبات بۇ قىزغىن، سەمىمىي قازاق سىڭىلنى بارا-بارا ياقتۇرۇپ قالدى.

چاغان مەزگىلىدە، گۈلزىيا قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى ھەمدە سۇ يېغى، ئۇن، مېۋە-چېۋە قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، گۈلزىيا يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن «مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش» تېمىسىدىكى ئاممىۋى ئوقۇشلۇقنى ئېلىپ چىقىپ، سېرىنبات ئەر-خوتۇن بىلەن يۈزتۇرا ئولتۇرۇپ، مىسال كەلتۈرۈش، ھېكايە سۆزلەش، تەسىراتىنى سۆزلەش ئارقىلىق، بۇ ئىككى ياشانغان كىشىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، مائارىپ، داۋالاش، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

سېرىنبات مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار مېنى دائىم يوقلاپ تۇردى، مەن بىلەن بىللە چاغان ئۆتكۈزدى، يەنە مېنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىپ بەردى، پارتىيەنىڭ بىزگە بۇنداق ياخشى كادىرنى ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت».

2014-يىلى، سېرىنبات ئائىلىسىدە مەبلەغ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دەپ بېكىتىلدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، سېرىنبات باقمىچىلىقنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇردى، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىمۇ يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، 2016-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، سېرىنبات ئەر-خوتۇن 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولدى، يەنە توك بىلەن ئۆينى ئىسسىتتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، گۈلزىيا سېرىنباتنىڭ بۇ يىل باقمىچىلىق كەسپىنى زورايتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكىدىن بۇ ئوي-خىيالىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، گۈلزىيا ئۇنىڭغا ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، مەبلەغ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

«گەرچە سېرىنبات ئىككىمىز قانداشلىق مۇناسىۋەتتە بولمىساقمۇ، بىز تۇغقانلاردىنمۇ يېقىن» دېدى گۈلزىيا، «سېرىنبات ئائىلىسىنىڭ ئىشى ئۆزۈمنىڭ ئىشى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ھەل قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى