تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋىرى): CBA بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان مۇسابىقە مۇساپىسىغا ئاساسلانغاندا، 2020-2021 مۇسابىقە پەسلى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئادەتتىكى مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى ۋە كېيىنكى مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىدىكى سەككىز ئايلانما مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولىدىكەن. پۈتۈن چولپانلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى مۇسابىقە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولىدىكەن. ئادەتتىكى مۇسابىقىنىڭ تۆتىنچى باسقۇچلۇق (56-48 ئايلانما) مۇسابىقە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولىدىكەن.
17 ئايلانما ئادەتتىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پەسىللىك كېيىنكى مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلىنىدىكەن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 27-كۈنى باشلىنىپ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.