تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى سەككىز قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي يىڭ): مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى سەككىز قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا قانىلىدا كەچلىك ئالتۇن ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىدۇ.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ فىلىمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى زىچ چۆرىدىلىپ، بۇ مۇھىم باياننىڭ جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ مىزان ئىكەنلىكى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈلگەن؛ دىققەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر «خەلقنى مەركەز قىلىش»تەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەنلىكىدەك ھېكايە بايان قىلىنغان؛ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ناھايىتى ئىجادىيلىققا، ئۆزگىچىلىككە ئىگە مۇھىم، زور تەدبىرلەر ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنغان.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» − «تەنتەنىلىك ۋەدە» «دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش» «بۇرچنى زىممىگە ئېلىش» «كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» «بەل قويۇۋەتمەسلىك» «ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى» «تەقدىرداش بولۇش» «قايتا يېڭى سەپەرنى باشلاش»تىن ئىبارەت سەككىز قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي نۇقتىسىدىن جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ ئاجايىپ ھەرىكەت ۋە جاھان مۆجىزىسىنى نامايان قىلدى؛ پۈتۈن يەر شارىدا نامراتلارنى ئازايتىش دۇنياۋى نۇقتىسىدىن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو تۆھپىسىنى ھەر تەرەپلىمە گەۋدىلەندۈردى؛ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەشتىكى ھەربىر ھەقىقىي ھېكايە ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نەزەرىيەسى، نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى، نامراتلارنى يۆلەش روھىنى خۇلاسىلىدى، تاۋلىدى؛ سىياسىي مۇھاكىمە بىلەن خاتىرە بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق «جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قانداق غەلىبە قىلدى» دېگەن بۇ باش تېمىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق