تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتماسلىق تېخىمۇ غەيرەت بىلەن «يۈگۈرۈش»

رىياسەتچى: ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە ئىشچىلار تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى... چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق كارخانىلار پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، تېخىمۇ غەيرەت بىلەن «يۈگۈردى».

مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش

ئۇلىغۇچى: شىنجاڭ نېفىتلىكى گاز ئېلىش 1 - زاۋۇتى قارامايلى گاز ئېلىش مەشغۇلات رايونى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، دىرېكتور شيې خۇ

چاغاندا، سىز ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، جەم بولۇشتىن خاتىرجەم بەھرىمەن بولۇۋاتقان ۋاقىت دەل گاز ئالغۇچىلار ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان ۋاقىتتۇر.

2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، قۇياشنىڭ ئاستا - ئاستا پېتىشىغا ئەگىشىپ، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىكى قارامايلى گازلىقىدا تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەپ، نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا گاز ئېلىش تۇرۇبىسى ئاسانلا مۇز تۇتۇپ توسۇلۇپ قالاتتى. «ۋۇ بەنجاڭ، دىشى 18 - قۇدۇقىنىڭ قۇدۇق ئاغزى بېسىمى ئۆرلەۋاتىدۇ، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، سىز نەق مەيدانغا بېرىپ قاراپ بېقىڭ.» سۆزلىشىش ئاپپاراتىدا يەتكۈزۈلگەن ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، قارامايلى گازلىقى توشۇش - رېمونت قىلىش 2 - بەنىنىڭ بەنجاڭى ۋۇ ۋېنشېڭ تېزدىن نەق مەيدانغا كېلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە تۇرۇبا لىنىيەسىدە مۇز تۇتۇپ توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، دەرھال تۇرۇبا لىنىيەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشتى.

چاغان مەزگىلىدە، قارامايلى گاز ئېلىش مەشغۇلات رايونىدا 70 نەچچە ئىشچى - خىزمەتچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. داشۆنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن سۇڭ خاۋشىڭ شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ئۇستىسىغا ئەگىشىپ كېچىلىك چارلاشقا چىقتى. سۇڭ خاۋشىڭ بار بۇ گۇرۇپپا 20 نەچچە قۇدۇقنى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، گۇرۇپپا ھەر كۈنى يېرىم كېچە سائەت 3 - 4كىچە چارلاپ تەكشۈرەتتى، ئەگەر تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇقسا، ۋاقىت تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتەتتى. سۇڭ خاۋشىڭ مۇنداق دېدى: گەرچە ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغانلىقىمىزنى ئويلىساق، قانچە جاپا تارتساقمۇ ئەرزىيدۇ.

توك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئورۇنداش

ئۇلىغۇچى: شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە - ھۆكۈمەت ئىشخانىسى تەشۋىقات، ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى ۋاڭ چيەنشى

2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەۋەلىكىدىكى 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىكى 50كە يېقىن ئىشچى - خىزمەتچى سانجى - گۇچۈەن «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، خۇادۇڭ رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

±1100 كىلوۋولتلۇق سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يىن خۇڭشيا مۇنداق تونۇشتۇردى: سانجى - گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار (سانجى) توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن باشلىنىپ، ئەنخۇينىڭ شۇەنچېڭ (گۇچۈەن) توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا ئاياغلىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3293 كىلومېتىر. 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ 2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت نۆلگىچە، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى خۇادۇڭ رايونىغا 59 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزدى، بۇ، 22 مىليون 800 مىڭ ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ بىر يىللىق توك ئىشلىتىش مىقدارىغا باراۋەر.

«توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىكى يۈرۈشۈشنى تەكشۈرگۈچى بارلىق خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقىدا، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئەزەلدىن كاشىلا كۆرۈلۈپ توك يەتكۈزۈش توختاپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىدى، توك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئورۇندالدى.» يىن خۇڭشيا مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل بىز يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش كەسپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز».

سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش

ئۇلىغۇچى: ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئاخبارات مەركىزىدىن دۇ دۇڭلىڭ

چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان ئۈرۈمچى يىلى يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نورمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى. شىركەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە تۆت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ھەر كۈنى 130 - 140 توننا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز.

«بىزنىڭ سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت سېخىمىزدا 100گە يېقىن ئادەم بار، سىرتتىن كەلگەن بىر قىسىم ئىشچى - خىزمەتچىلەر چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئۆز جايىدا قېلىپ چاغان ئۆتكۈزدى.» گەنسۇلۇق ئىشچى ماۋ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزگەن ئىشچىلار ئۈچۈن يېتەرلىك ئارقا سەپ كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدى، يەنە زاۋۇت ئىچىدە ھەقسىز كىنو كۆرۈش قاتارلىق قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، شىركەتنىڭ قەلبلەرنى ئىللىتىش كاپالىتى ماڭا ئوخشاش سىرتتىن كەلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تېخىمۇ خاتىرجەم ھالدا تىرىشىپ ئىشلەيدىغان قىلدى.

ئۈرۈمچى يىلى يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلۇقنىڭ ساغلام بولۇشىنى قوغدىدى. 2020 - يىلى شىركەت يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى تەرتىپلىك ئېلىپ باردى. بۇ يىل شىركەت ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاپتوماتلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ھەم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كېڭەيتىپ، ئۈرۈمچى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنى سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى