شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ يۇڭ): مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق نۇقتىلىق مۇسابىقىلىرىگە پائال، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بېيجىڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل جۇڭگو تېننىس توپ ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر قاتار سىناق پائالىيەتلىرىگە ياخشى ماسلىشىدىكەن. ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بېيجىڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىدىكەن. تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئوخشاش بولمىغان مۇسابىقىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن. رېپىرلارنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا تەۋسىيە قىلىپ، رېپىرلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەسلىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان جۇڭگو تېننىس توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى، بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك نۇقتىلىق مۇسابىقىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.