شىنخۇا تورى خەۋىرى: شاڭخەي شەھەرلىك مېيلۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپى «دۆلەتكە مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، «تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش»تەك ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، 2000-يىلى 7-ئايدا قىزلار پۇتبول كوماندىسىنى تەشكىللىگەندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ پۇتبول ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئادەم تەربىيەلەش يولىنى تېپىپ چىقتى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، شاڭخەي شەھەرلىك مېيلۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپى قىزلار پۇتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى ھەمدە دۆلەت ۋە يەرلىك ئۈچۈن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيەلەپ بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى