تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

لوپنۇر ناھىيەسى: كىچىككىنە «يېمەكلىك زەمبۇرۇغى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: موگۇ ئىزچىل كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل كۆكتات بولۇپ، چاغان مەزگىلىدە موگۇغا بولغان ئېھتىياجمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ تىيانشان ئاۋشۆ چەكلىك شىركىتىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئالدىراشچىلىق مەنزىرىسى شەكىللەندى، ئىشچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ موگۇ ئۈزۈپ، بايراملىق بازار ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  «مېنىڭ 19 ئېغىز زاۋۇت ئۆيۈم بار، ھازىر ئۈچ ئېغىز ئۆيگە زاۋۇت ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەر كۈنى 300 كىلوگرام موگۇ چىقىرىمەن، ئاساسلىقى كورلا بازىرى ۋە لوپنۇر ناھىيەسى بازىرىغا ساتىمەن» دېدى شىنجاڭ تىيانشان ئاۋشۆ زەمبۇرۇغ كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇڭ جيەنبو.

  2020-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، جۇڭ جيەنبو شىركەتتىكى خادىملار بىلەن زەمبۇرۇغ ئوراپ-قاچىلاش خالتىسى، مىكروبسىزلاندۇرۇش، ۋاكسىنا ئەملەش، زەمبۇرۇغ يىپچىسى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق يېتىشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەپ، چاغاندىن بۇرۇن بازارغا سالدى.

  پىڭگۇ ئۆستۈرۈشتە كۈندىن-كۈنگە پىشىۋاتقان جۇڭ جيەنبو ئۆز ئۈنۈمى ۋە بازارنىڭ زەمبۇرۇغ تۈرىگە بولغان ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى سورتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭ جيەنبو يەنە ئىتتىپاق بازىرىنىڭ ھەر قايسى كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرى يېتەكچىلىكىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى موگۇ تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ موگۇ تېرىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئاشۇردى.

  جۇڭ جيەنبو مۇنداق دېدى: «بىز كېيىنكى قەدەمدە شياڭگۇ، مور ۋە ساۋگۇ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىمىز، كېيىنچە بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنى ياللايمىز، 20 ئادەم ئەتراپىدا بولىدۇ».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىتتىپاق بازىرى كەسىپ تەرەققىياتى تەپەككۇرىنى زىچ چۆرىدەپ، «كەسىپ تەرەققىياتى كىچىك ھەم سەرخىل» بولۇش ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى خام ماتېرىيالى، پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭ تىيانشان ئاۋشۆ زەمبۇرۇغ كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  لوپنۇر ناھىيەسى ئىتتىپاق بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى دۇڭ مۇنداق دېدى:«ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاق بازىرى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كىچىك بازىرى بەرپا قىلىش كەسپىنىڭ ئورنىغا ئاساسەن، ئىتتىپاق بازىرىدا بىكار تۇرغان 61 پارنىك جانلاندۇرۇلدى. بۇ يىل يېمەكلىك زەمبۇرۇغ تاياقچىسىدىن 100 مىڭى تېرىلدى، 2021-يىلى بىز تېرىقچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، 200 مىڭغا يەتكۈزىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

  (لوپنۇر ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى: ۋاڭ جىپېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر رېن خۇەنلې)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى