تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېكايىسى▏ ئۆمەرجان مەمەت: «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بېيىش يولى ئاچتى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى بوستان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ نەزەرىدىكى كاللىسى ئۆتكۈر، ھۈنىرى ياخشى، ئاق كۆڭۈل ئۆمەرجان مەمەت ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا ئۆزىگە تەۋە بىر بېيىش يولىدا ماڭدى. بىز بىرلىكتە ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى:

  بىزنىڭ ئائىلىدە ئىزچىل دادام مەمەت سابىرنىڭ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتۇق. ئاستا-ئاستا ئۇمۇ ياشىنىپ قالدى، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، داۋاملىق ئىشلەپ پۇل تاپالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىقتىسادى مەنبەيىمىزدىن ئايرىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ قالدۇق.

  2014-يىلى مەن داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ساتىراشلىقنى ئۆگىنىپ، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ ئائىلىمىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قارارىغا كەلدىم. ھۈنەرنى باشقىلاردىن تېزرەك ئۆگىنىش ئۈچۈن، كۈندۈزى ئۇستاملاردىن ئەستايىدىل ئۆگەندىم، كەچتە يان تېلېفونغا چۈشۈرۈۋالغان دەرسلىكلەرنى داۋاملىق ئۆگەندىم، دوراپ باقتىم. ھۈنىرىمنى تېخىمۇ پىششىقلاش ئۈچۈن، مەن دائىم ئۆيدە قول مەشىقى قىلىپ، تېزلا قايچا قاتارلىق سايمانلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالدىم، يەنە ئوخشىمىغان چىراي شەكلىگە قارىتا خېرىدارلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان چاچ پاسونىنى تەۋسىيە قىلدىم. بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ھەرخىل چاچ ئاسراش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بازاردىكى چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىپ، خېرىدارلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدىم.

  ھۈنىرىمنىڭ بارغانسېرى پىششىقلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەندە ئۆزۈم دۇكان ئېچىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ ئۆينى قامداش ئويى پەيدا بولدى. مەندە يېتەرلىك مەبلەغ بولماي قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمدا، بىرىنچى شۇجى ماڭا مەبلەغ كەمچىل نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ 40 مىڭ يۈەنلىك ئۆسۈمسىز ئاز سوممىلىق قەرز تارقىتىپ، مېنىڭ دۇكان ئېچىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پۇل ماڭا دەل جايىدا ئەسقاتتى، شۇنداق قىلىپ مەن ئاچقان «سالاپەت ساتىراشخانىسى» 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى قايراق كەنتىدە تىجارەت باشلىدى. دۇكاندا ئەسلىھە، سافا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ خېلى چىرايلىق ئىدى.

  بىر قېتىم، بىر خېرىدار مەن بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ، بىزنىڭ كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسىنىڭ، كەنتتىكى كادىرلارنىڭ مېنىڭ ساتىراشخانامدا چاچ ياسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق بىرىنچىدىن، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن، مېنىڭ ھۈنىرىمنىڭ ياخشى، ھەققىمنىڭ تۆۋەنلىكىنى، ئۈچىنچىدىن نامرات ئاھالىلەرنىڭ چېچىنى ياسىسام ھەق ئالمايدىغانلىقمنى، يەنە ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىمنى، ئاقكۆڭۈللۈكىمنى ئېيتىپتۇ.

  شۇنداق، مەنمۇ ئەسلىدە نامرات ئائىلە ئىدىم، ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، ئىشلىرىمنىمۇ باشلىۋالدىم، ئاشۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى ئويلايمەن. بىزنىڭ كەنتتە ھەرىكىتى قولايسىز بىر ياشانغان كىشى بار ئىدى، ئىلگىرى ھەر ئايدا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ چېچىنى ياساپ قوياتتىم. ئەپسۇسلىنارلىقى، چېچىنى بىر نەچچە قېتىم ياسىمايلا ۋاپات بولۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ياشانغانلارغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە كۆڭۈل بۆلۈپ، قەرەللىك ھالدا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىرادە قىلدىم.

  كەنتتىكى 72 ياشلىق بوۋاي تۇرسۇن يانتاق پات-پات ئەتراپتىكىلەرگە مېنى ماختاپ، ئۆمەرجان مەمەت ياخشى بالا دەيدىكەن.

  بۇ بىر نەچچە يىلدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ يۆلىشى ئاستىدا، ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى. ئانام روشەنگۈل مۆمىن ئائىلە مۇلازىمىتى ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ بېرىۋاتىدۇ؛ ئايالىم توختىگۈل ئىمام بىر ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار؛ مېنىڭ ساتىراشخانامنىڭ كۈنلۈك كىرىمى 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولۇپ، ھەر ئايدا 6000 يۈەندىن يۇقىرى كىرىم قىلىۋاتىمەن. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنە باقمىچىلىقنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى ئىلتىماس قىلغان 40 مىڭ يۈەنلىك ئاز سوممىلىق قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بولدۇق.

  تىرىشچانلىق بېيىش يولى ئاچتى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھۈنىرىمنى داۋاملىق ياخشىلاش بىلەن بىللە، يەنە بىر نەچچە شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ھەقسىز ھۈنەر ئۆگىتىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن.

ماقالىنى رەتلىگۈچى: شېڭ يۈەن

ماتېرىيالنى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەمىنلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى