تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئېبنۇر كۆلى قىشلىغىلى كەلگەن ياۋايى ھايۋانلارنى يەم-خەشەك بىلەن تەمىنلىدى

(ماتېرىيال سۈرەت)

  يېقىندا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل ئېبنۇر كۆلىدە، يەم-خەشەك لىق قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل يول بويىدا توختاپ، خىزمەتچى خادىملار قىشلىغىلى كەلگەن ياۋايى ھايۋانلارغا يەم-خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

  شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى كۆكتالا باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى شاۋكەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن يەم-خەشەك توشۇغان جاينىڭ ئىسمى جەرەن بۇلىقى، مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئەڭ كۆپ جاي، بولۇپمۇ ئاق بوغۇز بۆكەن بىرقەدەر كۆپ. ھازىر بىز 35 توننا ئەتراپىدا يەم-خەشەك توشۇدۇق، قار قېلىن ياغقاندا ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم بىر ئاپتوموبىل يەم-خەشەك توشۇيمىز».

  شاۋكەت كۆكتالا باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىرى، مۇھاپىزەت رايونىدا خىزمەت قىلغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، شاۋكەت باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتى تەۋەلىكىدىكى ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقنى ئالا قويماي ئايلىنىپ چىقتى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، شاۋكەت مۇھاپىزەت رايونىدا بۇ جايدىن ئايرىلغىنىغا ئۇزاق بولغان ئېبنۇر كۆلى قارا تايغىنىنى بايقىدى.

  «ئىلگىرى بۇ يەردە قۇم-بوران كۆپ، قار ئاز ياغاتتى، چارلاپ قوغداش جەريانىدا بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى. ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش نەتىجە-ئۈنۈمىنىڭ تەدرىجىي روشەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار كەينى-كەينىدىن پەيدا بولدى، يەنە كېلىپ بارغانسېرى كۆپەيدى.» دېدى شاۋكەت.

(ماتېرىيال سۈرەت)

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ۋە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار قوغداش خىزمىتى ئارقىلىق، قۇملاشقان يەرنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەسى ئاجىز ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى دەسلەپكى قەدەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسۇققا ئايلاندى، توغراق كۆچەتلىرىمۇ بىخ سۈرۈپ، زور مىقداردىكى ياۋايى ھايۋانلار قايتىپ كەلدى.

  شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى ياڭ چاڭلې مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمىدە <تۆتنى ئاشۇرۇش، بىرنى ئازايتىش> بارلىققا كەلدى، تۆتنى كۆپەيتىش: ئېبنۇر كۆلى يۈزىنىڭ كۆلىمى چەكسىز نىسبەت بويىچە 300 نەچچە كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتىلىپ، تەدرىجىي ھالدا 600 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىغا كۆپەيتىلدى؛ ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولغا قويۇلۇپ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى؛ ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈش ئارقىلىق، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ھازىر توپ-توپ ئاق بوغۇز بۆكەنلەرنىڭ بۇ يەردە ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يۈرگەن ھالىتىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى؛ سۈنئىي سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق سۇلۇق يەر كۆلىمى ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قۇشلار بۇ جايدا ماكانلىشىدىغان، قىشلايدىغان بولدى. بىرنى ئازايتىش: قۇم-بوران ئازايدى، ئىلگىرى بوران چىقسا كۈن نۇرىنى توسۇۋالاتتى، ھازىر روشەن ياخشىلىنىش بولدى».

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى قۇشلارنىڭ تۈرى 111 خىلدىن 267 خىلغا كۆپەيگەن، كۆزىتىلگەن قۇشلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليوندىن ئاشقان؛ سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن 1000 مودىن ئارتۇق سۆكسۆك ئورمىنى ساغلام ئۆسمەكتە.

(ماتېرىيال سۈرەت)

(ماتېرىيال سۈرەت)

  ياڭ چاڭلې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېبنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغاق رايونىدا ئىلگىرى قۇم-بوران ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، تېمىتىپ سۇغىرىپ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ھازىرقى قۇدۇق شەكىللىك قۇرۇلما شەكىللەندى. دەسلەپتە تېرىلغان سۆكسۆكنىڭ ئېگىزلىكى 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈچ يىل ئۆسۈپ، ھازىر 1.5 مېتىر ئېگىزلىككە يەتتى، ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى، بۇ يەر ياپيېشىل بولۇپ، ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىماي قالدى».

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ئېبنۇر كۆلى سۇ يۈزى ئەسلىگە كېلىپ كۆلىمى 600 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، ئەڭ چوڭ بولغاندا 805 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، كۆل يۈزىدىكى سۇلۇق يەرمۇ 30 مىڭ مو كۆپەيدى. بۈگۈنكى كۈندە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا توشقان زەردىكى گۈللىرى ھەر جايدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئاق بوغۇز بۆكەن توپ-توپ بولۇشۇپ ئوزۇق ئىزدەپ، بۈك-باراقسان ئۆسۈملۈكلەر پۈتۈن چۆل-باياۋاننى قاپلىدى.

(ماتېرىيال سۈرەت)

(ماتېرىيال سۈرەت)

  مەنبە: جىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  مۇخبىرلار سۇروڭبات، ليۇ شىنجيا خەۋىرى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق