شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ دۆلەت ئىممۇنىتېت پىلانىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى، يەسلىلەر ۋە مەكتەپلەردىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىشتە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، بالىلار يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىشتە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈشنى تەكىتلىگەن.
دەسلەپكى تەكشۈرۈش چارىسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھازىرقى باسقۇچتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى، يەسلىلەر ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىش ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى يېڭىدىن يەسلىگە كىرگەن، مەكتەپكە كىرگەن، مەكتەپ ئالماشقان، سىنىپقا قوشۇلغان بارلىق بالىلار بولۇشى كېرەك. ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى، يەسلى ۋە مەكتەپلەر بالىلارنى يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىش ۋاقتىدا، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالىنى باھالاش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشى ھەم ۋاكسىنا ئەملەش زۆرۈر بولغان بالىلارنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ بالىلارنى ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىغا ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ ۋاكسىنا ئەملىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىش ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن ياكى بالىلار مەكتەپ ئالماشقاندا، سىنىپقا قوشۇلۇپ 30 كۈن ئىچىدە تاماملىشى كېرەك.
بۇ چارىگە ئاساسەن، ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك بالىلارغا قارىتا، ۋاكسىنا تولۇقلاپ ئەملەش خىزمىتىگە بالىلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئورنى ياكى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى، يەسلى، مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئورنى مەسئۇل بولىدۇ، تولۇقلاپ ئەملەشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ۋاكسىنا ئەملەش ئورنى ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىگە يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىش ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالىنى باھالاش بېتىدە تولۇقلاپ ئەملەشنى تاماملاش ئۇچۇرىنى تولدۇرىدۇ، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى، يەسلى ۋە مەكتەپ شۇ يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى