تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى تىيانشان رايونىنىڭ چاغانلىق ھۆسنخەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى توردا ۋە تور سىرتىدا تەڭ قەدەمدە باشلاندى

2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قەغەز قىيىش تۈرىنىڭ ۋارىسى ۋاڭ گې (سولدا) تاماشىبىنلارغا قەغەز قىيىشنى ئۆگەتمەكتە.

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى، خەۋىرى): غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان قەغەز قىيىشتىن ماھارەت كۆرسىتىش، ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى... 2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى دەۋر مەيدانى يوۋشۇ كۇڭجيەندە، بىر مەيدان چاغاننى كۈتۈۋېلىش ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تىيانشان رايونى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش نۇقتىسىدا ئۆتكۈزگەن چاغانلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى.

2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داشېمىن، شياۋشېمىن تەۋەلىك رايونى مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى تۇ جېڭرۇڭ تاماشىبىنلارغا «بەخت» خېتىنى تەقدىم قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.