تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چاغان ئالدىنقى كۈنى ئۇلار بايراملىق گۈللەرنى تاپشۇرۇپ ئالدى

 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ لىتىيلىق تۇز زاۋۇتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا، گۈل تىزىش ئۇستىسى زۇ رۈي ئۈرۈمچىدە چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى ليۇ شياۋچىڭ (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن 1- كىشى)غا گۈل تىزىشنى ئۆگەتمەكتە.

 ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى، سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ياشلار مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىرلىشىپ گۈل تىزىش ئۇستىسىنى تەكلىپ قىلىپ يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونىدىكى ياشلار مەھەللىسىگە كېلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ۋە شۇ جايدا قېلىپ چاغان ئۆتكۈزىۋاتقان ئىشلەمچىلەرگە گۈل تىزىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى ھەم تىزىپ بولغان گۈللەرنى كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلدى. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەكبەر تۇرسۇن خوجىلىق باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن بىللە تىزغان گۈللەرنى ئېلىپ تەۋەلىكىدىكى پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، گۈللەرنى ئۇلارغا سوۋغا قىلدى ھەم خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى يىللىق سالىمىنى يەتكۈزدى. 

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ياشلار مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەكبەر تۇرسۇن (ئوڭدا) خىزمەتداشلىرى بىلەن يېڭىدىن تىزىلغان گۈللەرنى كۆتۈرۈپ تەۋەلىكتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سوۋغا قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ياشلار مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەكبەر تۇرسۇن (سولدا) خوجىلىق باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن بىللە تەۋەلىكتىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن 91 ياشلىق پېشقەدەم ھەربىي شى ليەنۋېن (ئوتتۇرىدا) نىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا يېڭىلا تىزىلغان گۈللەرنى ئاپىرىپ تەقدىم قىلىپ، بوۋاينىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى