ئانار بۇلۇت خەۋىرى: جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى ئاقبۇيا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى «چاغاننى كۈتۈۋېلىش . بەخت تىلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، پانۇس ئېسىپ چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالدى.
«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە پانۇس ئاسماقتا. (نىياز راخمان فوتوسى)
جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى ئاقبۇيا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگمەكتە. (نىياز راخمان فوتوسى)