تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«ۋاڭخۇڭ»نىڭ دۇنياغا كېلىش خاتىرىسى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 12-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن فېڭ شياۋلىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ ياپېڭ، جاڭ تىڭتىڭ خەۋىرى): «بۇلتۇر بىۋاسىتە تارقىتىپ سېتىش بىلەن باغقا كىرىپ ئۈزۈش قوشۇلۇپ، ئائىلىمىزدىكى تۆت پارنىكتىن 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدۇق. مەن يەنە ئەتراپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياردەملىشىپ ئۆردەك تۇخۇمى، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى سېتىپ بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلاندى». دېدى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، 12-شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 6-ليەنىنىڭ ئىشچىسى لى يۈشيا كۈلۈپ تۇرۇپ. ئىلگىرىكىگە ئوخشاش خۇشخۇي كۈلكە ئاۋازى ئىللىق قۇياشقا ئوخشاش، مۇخبىرنى تەسىرلەندۈردى.

بەلكىم سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ھازىرقى بۇ «ۋاڭخۇڭ» ئىلگىرى ليەندۈيدىكى نامرات ئاھالە ئىدى.

ۋاقىتنى 2015-يىلىغا قايتۇرساق، شوخلا تېرىيدىغان، يەرلىك توخۇ باقىدىغان لى يۈشيانىڭ تۇرمۇشى يامان ئەمەس ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئەينى يىلى لى يۈشيانىڭ قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى، نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئۇ ئاغرىق ئازابىنى تارتىش بىلەن بىرگە، 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن قەرز بولۇپ قالدى.

«ئەينى ۋاقىتتا، بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم». بۇرۇننى ئەسلەپ، لى يۈشيانىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. ئارقىدىنلا، ئۇنىڭ تەلەپپۇزى كەسكىنلىشىپ: «ئېرىم، ئوغلۇم ماڭا نەسىھەت قىلىپ، ماڭا ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈك ۋە ئىلھام بەردى. نامراتلارنى يۆلەش، ياردەم بېرىش ياخشى سىياسىتى ماڭا تۇرمۇشنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ كەلدى» دېدى.

2016-يىلى، لى يۈشيا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قىلىپ بېكىتىلدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن داۋالىنىش خىراجىتى سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئاران 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلدى.

غەم-ئەندىشىدىن خالاس بولغاندىن كېيىن، لى يۈشيانىڭ سالامەتلىكى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. 2017-يىلى، ئۇ سىچۇەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شوخلا تېرىشتا پۈتۈن جەريانلىق «فىزىكىلىق تەڭشەش-كونترول قىلىش»نى يولغا قويۇپ، گۈل ھەرىسى بىلەن چاڭلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللاندى، ھەم سۈتنى ئېچىتقاندىن كېيىن تېمىتىپ سۇغىرىپ، «شيۇڭفېڭ نيۇنەي شىخۇڭشى» شوخلا ماركىسىنى چىقاردى، شۇ يىلى كىرىمى 60 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، ھەميېنى تەدرىجىي تومپايغان لى يۈشيا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

2019-يىلى 6-ئايدا، لى يۈشيا نامراتلىقتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن چېكىنىپ چىقتى. جىم تۇرالمايدىغان لى يۈشيا يەنە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشتىكى «ياخشى پۇرسەت»نى كۆزلەپ، «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش»نى سىناق قىلىپ، ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن «شيۇڭفېڭ نيۇنەي شىخۇڭشى» ماركىلىق شوخلىنى سېتىشقا باشلىدى.

«بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى بىردىنلا سىرتقى دۇنيا بىلەن شۇنچە يېقىن ھېس قىلىدىغان بولدۇم. تور دېھقانلار بىلەن بازارنى تۇتاشتۇردى، توپ سېتىش بازىرىغا بېرىش، يول تېپىش ئاۋارىچىلىقى ئازايدى، ھەر كۈنى يان تېلېفونىمىزنى پارنىكقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىۋاسىتە تارقاتساقلا، زاكاس ئىشىك ئالدىمىزغىچە كېلىدۇ.» لى يۈشيا مۇنداق دېدى: «يان تېلېفون <يېڭىچە دېھقانچىلىق سايمىنى>غا ئۆزگىرىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش <يېڭىچە دېھقانچىلىق ئىشى>غا ئايلىنىپ، ئۆزۈممۇ <يېڭىچە دېھقان>غا ئايلاندىم».

بىر مەھەل، لى يۈشيا بىلەن ئۇنىڭ شوخلىسى «ۋاڭخۇڭ»غا ئايلانغان بولۇپ، فېنسىلىرى 8000دىن ئاشتى، شوخلا شاڭخەي، جېجياڭ، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردا سېتىلىپ، كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە %60تىن كۆپرەكى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرغان ماللار.

2020-يىلى، لى يۈشيا تۆت پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ «شيۇڭفېڭ نيۇنەي شىخۇڭشى» ماركىسىدىكى شوخلىنى تېرىدى، ھەم پۇلوۋاڭسىخۇڭ، نيۇنەي ساۋمېيتيەن، بولىخۇاڭ قاتارلىق شوخلىنىڭ يېڭى سورتلىرىنى كۆپەيتتى، نۆۋەتتە تېرىغان تۈرى 11گە يەتتى.

بىۋاستە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش لى يۈشياغا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تېرىقچىلىق ئىدىيىسىگە يېڭى ئىلھام ئېلىپ كەلدى. مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لى يۈشيا ماركىغا كۆز تاشلاپ، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ماركىسىغا ئىگە بولدى.

«ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەپەككۇرىدا ئۆزگىرىش بولدى، ليەندۈيلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە سېتىلدى». سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 6 ـ ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېتەكچىسى لۈ جىجيې مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، «ئالاقە تورى +» شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسى سىناق تەرىقىسىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇردى، بۇ خىل مەھسۇلاتنى بىۋاسىتە تەمىنلەش، توردا سېتىش ئەندىزىسى ليەندۈي تېرىقچىلىقىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، دېھقانلارنى بېيىتىشتەك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

كېيىنكى قەدەمدىكى پىلان ئۈستىدە توختالغاندا، لى يۈشيا ھاياجانلانغان ھالدا، ياخشى كۈنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كۈرەش قىلىشىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ يەنە سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 1 ـ ليەنىدە ئىككى پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، «فىزىكىلىق تەڭشەش- كونترول قىلىش» بويىچە شوخلا ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ساغلام، مەززىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېتىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يېشىل زىيانسىز يېڭى كۆممىقوناق تېرىشنى سىناق قىلماقچى بولدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، «بىڭتۇەننىڭ تەمى»نى تېخىمۇ يىراقلارغا تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق