تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ: ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى شۇلىڭ، گاۋ ناچىڭ، ئاۋلۇمۇجافۇ خەۋىرى): يېقىندا، خېجىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى دېھقان-چارۋىچىلار تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىمقى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشتە توكچى، كەپشەرچى، ئامانلىق ساقلىغۇچى، تام قوپۇرۇش ئىشچىسى قاتارلىق ماھارەت تەربىيەسى بار، تەربىيەلەشتە، تەربىيەلەنگۈچىلەر قىزغىن بولۇپ، پائال ھەمتۈرتكە بولدى، تەربىيەلىگۈچى ئوقۇتقۇچىلار نەزەرىيە چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلاتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەربىر تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ماھارەتنى پىششىق ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، مەزمۇننى بېكىتىش، تاللاپ ئۆگىنىشكە تىزىملىتىش، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

خېجىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ لى مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 30 قارار 800 ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىپ، ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق خىزمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، كېيىنكى قەدەمدە ناھىيەمىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى شەخسنىڭ ئارزۇسى بويىچە نان يېقىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىش تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ».

مەنبە: خېجىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى