تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۇچۇڭ ناھىيەسى: «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، بەي يۈنفېڭ): 2-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇچۇڭ ناھىيەسى كارىز يېزىسى شەرقىي كارىز كەنتىدىكى سىلۇ كىگىز پىششىقلاش زاۋۇتىدا، مېيىپ كەنت ئاھالىسى مىجىت سالام سېختا بىرقەدەر يېنىك بولغان رەتلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، بىر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

  «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، زاۋۇتنى كەنتكە قۇرساقلا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا بارالايدۇ» مىجىت بىر تەرەپتىن قولىدىكى ئىش بىلەن ئالدىراش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خۇشال ھالدا يۇقارقى سۆزنى دېدى.

  «كارىز يېزىسى سىلۇ كىگىز پىششىقلاش زاۋۇتى 2015-يىلى تېخنىكا كىرگۈزۈش ئارقىلىق قۇرۇلغان كارخانا بولۇپ، سەككىز كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەر ئايدا ھەر بىر كىشىنىڭ مائاشى 3000 يۈەندىن ئاشتى» دېدى سىلۇ كىگىز پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ باشلىقى راخمان يۈسۈپ.

  قىش كىرگەندىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ۋە پىششىقلاشنى ئاساس قىلغان كىچىك كەسىپلەر ئارقىلىق، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» كەسىپ بازىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  ھازىر، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»، «بىر يېزىدا بىر كەسىپ بولۇش» تەرەققىيات ئەندىزىسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ناھىيەدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى