تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۈت كەسپى كىرىمنى ئاشۇرۇش زەنجىرىنى ئۇزارتتى

ئىشچى-خىزمەتچىلەر 1-ئاينىڭ 7-كۈنى لوپ ناھىيەسىنىڭ بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان خوتەن «شىيۈچۈن» سۈتچىلىك پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشلىمەكتە.

لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى خېجياشىن كەنتىدىكى خوتەن «شىيۈچۈن» سۈتچىلىكىنىڭ نەسىللىك سۈت كالىسى يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى خىزمەتچىلەر 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاپتوماتىك سۈت سېغىش زالىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

ئىشچى-خىزمەتچىلەر 1-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەن «شىيۈچۈن» سۈتچىلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدا مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى خېجياشىن كەنتىدىكى خوتەن «شىيۈچۈن» سۈتچىلىكى نەسىللىك سۈت كالىسى يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى موزاينىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى رۇڭ، مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى، خەۋىرى): 2018-يىلى، لوپ ناھىيەسى مول يەر، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قۇتۇبى نەسىللىك كالا فېرمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خوتەن «شىيۈچۈن» سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، خاس سۈتچىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تۈر قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىپ، يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، بۇ ئارقىلىق خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زامانىۋى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى يىل قۇرۇلۇش قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھازىر ئەلا نەسىللىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق سۈت كالىسى يېتىشتۈرۈش، باقمىچىلىق بازىسىدىن بىرى ۋە كۈنىگە 100 توننا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان پىششىقلاش زاۋۇتىدىن بىرى قۇرۇلدى، يېڭى سۈت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئۈچى، قېتىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، تېرىش، بېقىش، پىشىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرى تەدرىجىي شەكىللەندى.

   بۈگۈنكى كۈندە، ئەتراپتىكى 3766 ئائىلىلىك دېھقان سۈت كالىلىرىنى بۇ شىركەتنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، 53 دېھقان باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەش ئارقىلىق، يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنى 35 مىڭ يۈەن ئاشۇردى؛ 42 دېھقان پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشچىسىغا ئايلاندى، ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشتى؛ 40 دېھقان سۈت كەسپى پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى تىجارىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 3000 يۈەندىن پايدا تەقسىم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت يەنە سىلوس تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئېتىزىدىكى ئاشلىق شاخ-شۇمبىلىرىنى سېتىۋېلىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ يەنە 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشىشىگە كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى