تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ كۆپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچىمەن

بايان قىلغۇچى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونى تۇگۇڭ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈەن

ھەر قېتىمقى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىز ھەممىمىز تەۋەلىكتىكى كىچىك دوستلارنى مەھەللە تەشكىللىگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز. كىچىك دوستلار توۋگۇڭ مەھەللىسى پائالىيەت مەركىزىنىڭ كىچىككىنە سىنغا ئېلىش ئۆيىدە بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىللە ئويناپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق چوڭقۇرلىشىپ، ھەربىر قەلبكە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى چېچىلدى.

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەنە ئۆزلىرى ئالاقە باغلىغان ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەلگۈسى بەش يىلدا، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق تۇرمۇش ھالىتىنى قىسقا سىن ئارقىلىق خاتىرىلەپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئارقىلىق تارقىتىپ، كۈلكە سادالىرىنى مەھەللىدە مەڭگۈ ياڭرىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان قىلىمەن.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يې شياۋمىن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى